تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش

− شىنجاڭ ئاياللار كېسەللىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار كېسەللىرى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ماھىنۇر نىياز توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لىن، پىراكتىكانت جاڭ شياۋخەن

8- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەن ماھىنۇر نىياز ئايروپورتتىن ئۇدۇللا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، ئوپېراتسىيە ئۆيىگە بىر كىرىپ كەتكىنىچە ئوپېراتسىيەدىن ئىككىنى قىلدى. بۇ، ماھىنۇر نىيازنىڭ نۆۋەتتىكى نورمال خىزمىتى. بۇلتۇر 12- ئايدا پېنسىيەگە چىققان ئۇ ئىلگىرىكىدەكلا ئامبۇلاتورىيەگە چىقتى، لېكسىيە سۆزلىدى، تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە رازىمەنلىك بىلەن جاپالىق ئىشلىدى.

ئۇ شاڭخەي تېببىي داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمىدە 40 نەچچە يىل خىزمەت قىلدى؛ ياپونىيەگە بېرىپ كۆپ يىل ئوقۇدى، چەت ئەلدە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنغاندا رەت قىلىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى بولدى؛ شىنجاڭنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، ئۆز كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، 2010- يىلى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى؛ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس قاتارلىق نۇرغۇن ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشتى، پۈتۈن مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پەن تەتقىقات تۈرىدىن 22 تۈرنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئۈستىگە ئالدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 170 نەچچە پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى... ماھىنۇر نىيازنىڭ تەرجىمىھالىنى ۋاراقلىغاندا، ئاددىي ئەمما كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاجايىپ بىر ھېكايە ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا ئىگە بولىسىز.

 قەلبىگە يۇرتىنى پۈكۈش كۈرەشنى توختاتماسلىق

«مەن مۇشۇ دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان، خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن بىراقلا 40 نەچچە يىل ئىشلەپ كېتىشىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.» ماھىنۇر نىياز مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

1976- يىلى ماھىنۇر نىياز شاڭخەي تېببىي داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندى. ئىجتىھات بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئۇ ئۆزىنى ئۆگىنىشتە توختىماي ئالغا بېسىشقا ئىزچىل ئۈندەپ كەلدى. 1989- يىلى، سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىنقىلابىي كونا رايون، ئاز سانلىق مىللەت رايونى، چېگرا رايوندىكىلەر ياپون تىلى ئۆگىنىش كۇرسى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن تەربىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچى تاللىدى. بۆلۈم مۇدىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ماھىنۇر نىياز تىزىملاتتى. كەسپىي ياپون تىلى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ «تىچۈەن تېببىي ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» بىلەن ئوقۇيدىغان تەتقىقاتچى - بىلىم ئاشۇرغۇچى ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى. 1992- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە، 1998- يىلىدىن 2003- يىلىغىچە ئىككى قېتىم ياپونىيەگە بېرىپ ئوقۇدى، 2003- يىلى ياپونىيە تېببىي داشۆسىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى، ماھىنۇر نىيازنىڭ تەرجىمىھالىنىڭ ئارقىسىدا كۈرەش قىلىپ توختىماسلىق ھېكايىلىرى بار.

ياپونىيە تېببىي داشۆسىدە دوكتورلۇقنى پۈتكۈزۈشتىن ئىلگىرى، ماھىنۇر نىياز يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىغا 16 پارچە ئىلمىي ماقالە تاپشۇردى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ ئىجتىھات بىلەن تىرىشىپ ئۆگەنگىنىگە چوڭقۇر ئاپىرىن ئوقۇدى.

كۆپ يىللىق چەت ئەلدە ئوقۇش ھاياتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئۇ چەت ئەلدىكى دوختۇرخانىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، يەنە يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كەلدى.

 بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ساغلاملىقنى ئاسراش

ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماھىنۇر نىياز شىنجاڭدا ئالدى بىلەن ھامىلىگە بالىياتقۇ ئىچىدە دىياگنوز قويۇش تېخنىكىسى ۋە شىنجاڭنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار كېسەللىرى ساھەسىدىكى يول ئاچقۇچىغا ئايلاندى.

ئۇزاق مۇددەت كىلىنىكا بىرىنچى سېپىدە ئىشلىگەن ماھىنۇر نىياز شىنجاڭدىكى ئايرىم رايونلاردا بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر يۇقىرىلىقىنى بايقىدى. ئۇ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانىغا قارىتا، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشلا ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرىدۇر، دەپ قارىدى.

ئاخىرقى باسقۇچلۇق بالىياتقۇ بوينى راكىنى داۋالاش خىراجىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىلىرى بۇ خىلدىكى ئاغرىقلاردا بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىدى. ھەر قېتىم داۋالىنىشقا پۇلى يوق ئاغرىقلارنى ئۇچراتقاندا، ماھىنۇر نىياز دائىم مەردلىك بىلەن ياردەم قىلاتتى، لېكىن، ئۇ شەخسىي كۈچنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى، كېسەل داۋالاشقا پۇلى بولماسلىق، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە ئەمدىلا سايلانغان چاغدا، ئۇ شىنجاڭغا بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش مەبلەغ ياردىمى بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، تۈر مەبلىغى ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىپ، ئۇدا بەش يىل شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2013- يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا، ماھىنۇر نىياز بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشكە دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى تېزدىن كىرگۈزۈپ، ئالدى بىلەن شىنجاڭ قاتارلىق بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ يۈزبېرىشى يۇقىرى رايونلاردا ئەملەپ، بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاياللارنىڭ ساقلىقنى ساقلاش - ساغلاملىق ئەھۋالىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. 2016- يىلى 7- ئايدا بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى تۇنجى قېتىم دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىندى.

2006- يىلىدىن باشلاپ 2018- يىلىغىچە، ماھىنۇر نىياز ئاساسىي قاتلامغا كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ، زور مىقداردا ئادەم ئەمچەك توپچىسى ئۆسمە ۋىرۇسى(HPV) بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ھەم بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇ مەزگىللەردە، ئۇ ئىلغاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە جەمئىي 26 مىڭ ئادەم قېتىم ئىلغاپ تەكشۈرۈشنى تاماملاپ، شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇشقا دائىر بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەپ، شىنجاڭ بالىياتقۇ بوينى راكى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بالىياتقۇ بوينى راكى پەيدا بولۇش ئەھۋالى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن قىممەتلىك سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى.

ماھىنۇر نىياز بىر تەرەپتىن ئىلغاپ تەكشۈردى، بىر تەرەپتىن ھەر خىل سورۇنلاردىن پايدىلىنىپ، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئۇ 1000 قېتىمدىن ئارتۇق ھەر خىل چوڭ - كىچىك لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى، بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت داۋاملاشما مائارىپ ئۆگىنىش كۇرسىدىن 46 قېتىم ئاچتى، بالىياتقۇ بوينى راكى بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قاتلام تېببىي خادىملىرىنىڭ جەمئىي سانى 3000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يەتتى.

 مېھرىبان دوختۇر بولۇش ئىلىم - پەننى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش

مېھرىبان دوختۇر بولۇش. ماھىنۇر نىياز كېسەل كۆرگەندە دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيتتى، ھەر قېتىم ئەڭ ئاخىرقى بىر كېسەلنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشتىن چۈشۈشتە چىڭ تۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى ئاغرىقلار يىراقتىن كېلىدۇ، ئەگەر كېلەر قېتىم كېسەل كۆرۈشكە قېپقالسا، ئۇلارنىڭ چىقىمى ئېشىپ كېتىدۇ.

ماھىنۇر نىياز ئاغرىقلارغا كۆڭۈل بۆلەتتى، سەۋرچان ئىدى، ئوقۇغۇچىلىرىنى قاتتىق باشقۇراتتى، ئۇلارغا كۆيۈنەتتى. شىخەنزە داشۆسى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماگىستىر، دوكتور يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ماگىستىر، دوكتور ئاسپىرانتتىن جەمئىي 56نى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. ئۇ ئوقۇغۇچىلاردىن كىلىنىكىلىق ماھارەتنى ئىگىلەپ، پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئىلىم - پەن جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ دائىم ئوقۇغۇچىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ باردى.

مەخسۇس بۆلۈم ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ماھىنۇر نىياز 2008- يىلى ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمى تەتقىقات ئىشخانىسىنى باش بولۇپ قۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ئاياللار تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ پەن تەتقىقات ۋە ئىلىم - پەن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆگەنگەنلىرىنى كوللېكتىپىدىكى ھەربىر دوختۇرغا ئايىماستىن ئۆگىتىپ، كوللېكتىپقا باشلامچىلىق قىلىپ 2010- يىلى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت كىلىنىكىلىق نۇقتىلىق مەخسۇس بۆلۈمىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى، بۇ، داۋالاش كىلىنىكا ئىلمىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنىڭ دەلىلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى