تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىش

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: بىرنەچچە كۈندىن بۇيان جىمجىت تۇرۇۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئالتۇن مېدالنى قولغا كەلتۈرۈش كۈنىنى كۈتۈۋېلىپ، جەمئىي ئالتە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كۈز يامغۇرى يېغىۋاتاتتى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جېڭجوۋ داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش كوماندىسىنىڭ ئۈچ تەنھەرىكەتچىسى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا چۈشۈپ، مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قارشى تەرەپنى ئاسانلا يېڭىپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سەھنىسىگە چىقتى.

ئالدى بىلەن مەيدانغا چىققان شىنجاڭلىق ماھىر پولات بۆكەي ماھارەت جەھەتتە باشقىلاردىن ئۈستۈن كېلىپ، ئۈچ مەيداندا ئىككى مەيدان يەڭسە غەلىبە قىلىدىغان مۇسابىقىدە شىزاڭلىق ماھىر جۇ زوكانى ئاسانلا يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى چېمپىيونى بولدى. ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 85 كىلوگىراملىقلارنىڭ بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭنىڭ 45 ياشلىق پېشقەدەم ئۆزبېك ماھىرى ئابلەت قارىبوللا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى مەيدان يېڭىپ، سىچۇەنلىك ماھىر چېن يوۋگۇينى ئاسانلا مەغلۇپ قىلدى. بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈرى 95 كىلوگىراملىقلارنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بولۇپ، شىنجاڭلىق قازاق ماھىر ئارغىن قۇمار ئىككى مەيداندىلا شاڭخەيلىك ماھىر ما ۋېينى يېڭىپ چېمپىيون بولدى. بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش كوماندىسى جەمئىي ئۈچ 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۈچ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش ئۆمىلەپ ئارقان تارتىشىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ، مۇسابىقىلىشىدىغان ئىككى ماھىر مەيداننىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۆمىلەش ھالىتىدە تۇرىدۇ، شايى رەخنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككىسى مۈرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ باغلاپ، قارمۇقارشى يۆنىلىشتە تارتىپ ئۆمىلەيدۇ، بەلگىلەنگەن دائىرىدىن تارتىپ ئۆتكۈزەلىگەنلەر غەلىبە قىلغان بولىدۇ.

«ئىتتىپاقلىق كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ» شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لۈ شىنگۇي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كوماندىمىزدا سەككىز تەنھەرىكەتچى بار، تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان، كۆپچىلىك سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا مەدەت بېرىشىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇردى».

شۇ كۈنى، مۇسابىقە مەيدانىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دارۋازلىق، سارغايدى، مەررە توپ كوماندىلىرىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ھەممىسى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىشتا ئېرىشكەن ئۈچ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتنى قوشقاندا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە جەمئىي ئالتە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى