تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

ئىنقىلاب ئىشلىرىغا سادىق شاۋجياڭ يې يۈنگاۋ

يې يۈنگاۋنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 9- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خۇاڭ خاۋرەن) جياڭشى ئۆلكىسى گەنجوۋ شەھىرى شىڭگو ناھىيەسى گاۋشىڭ بازىرىنىڭ خېشىڭ كەنتىدىكى ئۆيلەر ئاق تاملىق، يېشىل كاھىشلىق بولۇپ، ياپيېشىل دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، كىچىك ئېقىن كەنتنى ئايلىنىپ ئېقىپ تۇراتتى، يەرلىكتىكى پۇقرالار بۇ يەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆسۈپ - يېتىلگەن جياڭجۈن يې يۈنگاۋنى ھازىرغىچە دائىم ئەسلەپ تۇرىدۇ.

يې يۈنگاۋ، ئەسلىي ئىسمى يې ماۋسەي، ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سەنمۇبۇسى ئالاقىلىشىش بۆلۈمىنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى، 1914- يىلى دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن تىرىشچان، باتۇر، قەيسەر مىجەزنى يېتىلدۈرگەن. قىزىل ئارمىيە شىڭگوغا كېلىشىگە، 16 ياشلىق يې يۈنگاۋ جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان، 17 يېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن، 18 يېشىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، پوستتا تۇرغان، قاراۋۇللۇق قىلغان، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بەرگەن، ئىنقىلابىي خىزمەتكە پائال ئاتلانغان.

يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يې يۈنگاۋ قىزىل 3- جۈنتۇەن 1- شىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ليەننىڭ سىياسىي جىداۋيۈەنى، قىزىل 1- يۆنىلىش ئارمىيەسى قوغداش ئىدارىسى مەشىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى بولغان. ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا، جاڭ گوتاۋ بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش سۇيىقەستىدە بولغان، ئۇ جۈنتۇەنجاڭ پېڭ دېخۇەي تاپشۇرغان جىددىي ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىپ، ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، بىر سائەت ئىچىدە 20 نەچچە چاقىرىم مېڭىپ، بۇيرۇقنى ئۆز قولى بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارقا تىدۈينىڭ سىلىڭيۈەنى دېڭ فاغا تاپشۇرۇپ بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن ھەربىي كومىتېت ئارقا تىدۈيى ۋاقتىدا شىمالغا يۆتكىلىپ، خەتەرلىك جايدىن ئايرىلغان.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونى سۈيدې شۆبە رايونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا چېگرا رايونى قوغداش باشقارمىسى 3- بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى بولغان.

يەنئەندىكى كادىرلارنى تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە، ئۇ كاڭ شېڭنىڭ ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاشنى كېڭەيتىۋېتىشىگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بىر تۈركۈم ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى ئاقلىغان ۋە تۈزەتكەن، پارتىيەنىڭ بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلىرىنى قوغداپ قالغان. 1944- يىلى، يې يۈنگاۋ ۋاڭ زۈنجى «ئايال جاسۇس» دېلوسىنى پەرقلەندۈرۈش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان، ئۆزىنىڭ پايدا - زىيىنى بىلەن ھېسابلاشماي، ھەر قېتىم پەرقلەندۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز قولى بىلەن كاڭ شېڭنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەم دەلىل - ئىسپات كۆرسىتىپ مۇنازىرىلەشكەن.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يې يۈنگاۋ ئوتتۇرا خېبېي مەمۇرىي مەھكىمىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان، سەنشى - چاخار - خېبېي ھەربىي رايونى سىياسىي بۇسى قوغداش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى بولغان. 1948- يىلى 4- ئايدا، ماۋ زېدۇڭ فۇپىڭ ناھىيەسىدىكى چېڭنەنجۇاڭدا جەڭگە قوماندانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، دۈشمەن ئايروپىلانى ھۇجۇم قىلغان، يې يۈنگاۋ قىل ئۈستىدە تۇرغان پەيتتە ماۋ زېدۇڭنى ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۆڭكۈرىگە قوغداپ ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ بومبىسى دەل ماۋ زېدۇڭ تۇرغان ھويلىغا چۈشكەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، يې يۈنگاۋ ئەسلىدىكى شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونى سىياسىي بۇسى قوغداش بۆلۈمىنىڭ مۇۋەققەت بۆلۈم باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى، ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىيلار قىسمى سىياسىي بۇسى قوغداش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۇسى قوغداش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، باش سەنمۇبۇ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، باش سەنمۇبۇ ئالاقىلىشىش بۆلۈمىنىڭ جېڭجى ۋېييۈەنى بولغان. 1955- يىلى شياۋجاڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن. 1- ئاۋغۇست ئوردېنى، مۇستەقىللىق - ئەركىنلىك ئوردېنى، ئازادلىق ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدە، ئۇ لىن بياۋ، جياڭ چىڭ ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھىنىڭ رەھىمسىز زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. ئارقىدىن تەلتۆكۈس ئاقلىنىپ، نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. ئۇ قايتا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، كەسىپ - تېخنىكىنى جاپاغا چىداپ تەتقىق قىلغان، دائىم ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇزاق مەزگىل كېسەل تۇرۇپمۇ خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنىڭ ئالاقىلىشىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە خىزمەت قىلغان. 1979- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئۇ زۇڭسەن خەلق ئەسكەرلىرى ئالاقىلىشىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جېڭجياڭ شەھىرىدە ۋاپات بولغان، شۇ يىلى 65 ياشتا ئىدى.

يې يۈنگاۋ قاتارلىق يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا قاتناشقان جياڭجۈنلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، شىڭگو ناھىيەسى 2003 - يىلى جياڭجۈن باغچىسى، جياڭجۈن سارىيىنى قۇرۇپ، جياڭجۈن يې يۈنگاۋنىڭ ھەيكىلىنى شىڭگودىكى باشقا 55 نەپەر يېڭى جۇڭگو قۇرۇشقا قاتناشقان جياڭجۈننىڭ ھەيكىلى بىلەن بىللە جياڭجۈن باغچىسىدىكى مەيدانغا تىكلىدى. جياڭجۈن سارىيىدا، يې يۈنگاۋ قاتارلىق جياڭجۈنلەرنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇش، ئىنقىلابىي ھېكايىلىرى ۋە ئۇلار قاتناشقان مۇھىم، زور ۋەقە قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ يەر كەڭ كادىرلار، ئامما ۋە ساياھەتچىلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى