تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

جۇڭگونىڭ ئۆز يولى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش

«يېقىندا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش جەريانىدىكى بەزى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى، ئۇلار ماڭغان ئەگرى - توقاي يولدا سىز يەنە ماڭماقچىمۇ؟ ئىلگىرى بىز ئۇلارنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، ئەگرى - توقاي يولدا ئازراق ماڭغانىدۇق، ھازىر ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن تېخىمۇ ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك».

سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ 1956- يىلى 4- ئايدا قىلغان «ئون چوڭ مۇناسىۋەت توغرىسىدا» دېگەن سۆزىدە پۈتۈن پارتىيەنى «سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئۆرنەك قىلىش»، ئۆز يولى ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش كېرەك، دەپ ئاگاھلاندۇرغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كۆپ جەھەتتە ئىزدىنىش ئېلىپ باردى.

1956- يىلى 1- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭدا زىيالىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. جوۋ ئېنلەي يىغىندا «زىيالىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات» بېرىپ، زىيالىيلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى «ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ زىيالىيلار مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپلىگەن ھۆججەت چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى زىيالىيلار خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. پۈتۈن مەملىكەتتە بىرمەھەل زىيالىيلار مەسىلىسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، «زامانىۋى ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلىش» بۇرغىسى چېلىندى.

مەدەنىيەت ۋە ئىلىم - پەننى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن، 5- ئاينىڭ بېشىدا، ماۋ زېدۇڭ ئالىي دۆلەت ئىشلىرى يىغىنىدا «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» فاڭجېنىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس - بەستە سايراش» فاڭجېنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى خۇددى بىر ئەينەككە ئوخشاش سىياسىي جەھەتتە مۇقىم، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلغان، خەلق ئىتتىپاق بولغان دۆلەت ئوبرازىنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، ئىلىم - پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى.

9- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 8- قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سوتسىيالىستىك تۈزۈم دۆلىتىمىزدە ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى؛ دۆلەت ئىچىدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ ئىقتىساد - مەدەنىيەتنى تېز راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ھازىرقى ئىقتىساد - مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالماسلىق ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ قالدى؛ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى تەدرىجىي قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

1956- يىلى يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنىڭ باشلىنىشى. بۇ بىر يىلدىكى نۇرغۇن مۇھىم، زور تەدبىرلەر كېيىنكى تارىخىي تەرەققىياتقا نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى