تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

نېمە ئۈچۈن مۇزىكا ئاڭلىسا كەيپىيات تەڭشىلىدۇ

ئىنسانلار تەبىئىيلا مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدۇ، مۇزىكىنىڭ ئاكتىپ كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، پاسسىپ كەيپىياتنى ئازايتىش جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك رولى بار، ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن مۇزىكىنىڭ بۇنداق ئاجايىپ كۈچى بولىدۇ؟ ئامېرىكا ئىللىنوئىس داشۆسى سپرىنگفيېلد شۆبە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شاھرام ھېشمات تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى يەكۈنلەپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

بىرىنچى، مۇزىكا كىشىگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. مۇزىكا چوڭ مېڭىنىڭ خۇشاللىقنى ھېس قىلىش سىستېمىسىنى غىدىقلايدۇ، خۇددى يېمەكلىك، جىنسىي تۇرمۇش، پۇلغا ئوخشاش كىشىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

ئىككىنچى، بەدەن رىتىمى بىلەن مۇزىكا ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرىنىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغاندا، كىشىنىڭ بەدەن رىتىمىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، مەسىلەن، يۈرەك رىتىمى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ تېزلىشىدۇ ياكى ئاستىلايدۇ، ئاخىرىدا ئوخشاش چاستوتىدا تەۋرەيدۇ. بولۇپمۇ شوخ، جۇشقۇن مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا، كىشىنىڭ بەدىنى مۇزىكا رىتىمىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلىنىدۇ، مەسىلەن، بېشىنى لىڭشىتىدۇ، پۇتىنى تەۋرىتىدۇ، قولى بىلەن ئۈستەل يۈزىنى ئۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر چېنىققاندا مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى مۇزىكا يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قوزغاش رولىنى ئويناپ، ھەرىكەتنى كۈچىمەيلا ئورۇندىتىدۇ.

ئۈچىنچى، مۇزىكا ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېسىگە سالىدۇ. مۇزىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئويغىتىش رولى بولىدۇ. مەسىلەن، ئەينى يىلىدىكى توي مۇراسىمىدا قويۇلغان مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا، شۇ چاغدىكى ئۇنتۇلغۇسىز كۆرۈنۈش، گۈزەل ئەسلىمىلەر كۆز ئالدىدا ئەكس ئېتىپ، كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.

تۆتىنچى، مۇزىكا كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى ئىگىلىگەنگە ئوخشاش، كىشىلەرمۇ مۇزىكىدىن ئۆز كەيپىياتىنى ھېس قىلالايدۇ. مەسىلەن، قايغۇلۇق مۇزىكا كىشىنى قايغۇغا سالىدۇ، شوخ مۇزىكا ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرەڭگۈ قىلىدۇ. بۇ خىل «ئورتاقلىق» كىشىگە ئۆزىنى چۈشەنگەندەك، قەلبىنى تىنچلاندۇرغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ.

بەشىنچى، مۇزىكا ئاڭلىغاندا خىيالىدا گۈزەل كۆرۈنۈشلەر پەيدا بولىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا تەسۋىر شەكىللەندۈرىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، مۇزىكا كۈچلۈك ئۈنۈمگە ئىگە بولغان غىدىقلىغۇچى ھېسابلىنىدۇ. مۇزىكا ئاڭلىغاندا كاللىسىدا پەيدا بولغان تەسۋىرلەر، مۇزىكا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدۇ.

ئالتىنچى، «ئۆزىگە ئاتاپ يازغان»دەكلا ناخشا تېكستى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. «ئۆزىگە ئاتاپ يازغان»دەكلا ناخشا تېكىستى كىشىنىڭ قەلب تارىنى چېكىدۇ، كىشى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىغا يوشۇرۇنغان ھېسسىيات ۋە تەسىراتلىرىنى قوزغايدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى