تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

باي ناھىيەسى سۇغان كەنتىدە جۇخارگۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلىپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى

 9-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر بەيساۋ جۇخارگۈلى باغچىسىدا خۇشال ھالدا سەيلە قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ چېڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەمەرجان ھەسەن فوتوسى، خەۋىرى): «تېز كېلىپ مېنى سۈرەتكە تارتىپ قويۇڭ، بۇ گۈللەر بەك چىرايلىق ئىكەن!»، «توختاپ تۇرۇڭ، مەن ئاۋۋال بىر قىسقا سىن كۆرۈنۈشىنى تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىۋېتەي»... يېقىندا، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تېرەك بازىرى سوغان كەنتىدىكى 35 مو جۇخارگۈلى باغچىسىدا ئېتىزلىق خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇشتى.

  سوغان كەنتى تېرەك بازىرىنىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىگە 17 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى ئاساسلىق يەر تېرىش ۋە باقمىچىلىققا تايىنىپ كەلگەچكە كىرىم مەنبەسى پەقەت بىرلا خىل ئىدى. باي ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى قوللىرىدىكى كەتمەننى تاشلاپ، «ساياھەت تامىقى»غا ئېغىز تېگىپ، بەس-بەستە پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى ۋە خۇشال دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى قۇرۇپ، تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە بەختكە تولدى.

  بۇ يىل 58 ياشقا كىرگەن كەنت ئاھالىسى مەمەت ساۋۇت بۇلتۇر ئۆي سېلىپ دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ تىجارەت باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزدىكىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد يەر تېرىش، چارۋا بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، بۇ يىل كەنتىمىز ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۇنىڭ بىلەن كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى تۈپتىن يېڭىلىنىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق باغقا ئايلاندى. مەن 1-تۈركۈمدە دېھقانلار ئارامگاھى قۇردۇم، قىسقىغىنا ئۈچ ئاي ئىچىدە 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم، بۇ تۇرمۇشىمىزغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.»

  ساياھەتچى ما چۈنلى بىلەن ئۇنىڭ 20 نەچچە خىزمەتدىشى باي ناھىيەسىگە ساياھەت قىلغىلى كەلدى، جۇخارگۈلى باغچىسىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھەر خىل خاتىرە قالدۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ جايدا ھۈپپىدە ئېچىلغان جۇخارگۈللىرى ھەممە جاينى قاپلاپ، كېپىنەكلەر ھەر يان ئۇچۇپ، ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىكەن، كېتىشكە قىيالمايلا قالدۇق، مەن كېيىن يەنە كېلىمەن.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى