تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ خەۋىرى): 9- ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمى، 20- نۆۋەتلىك خەلقئارا بوكسچىلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنيا ئەرلەر بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىمۇ شۇ كۈنى كەچتە تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدىكى كۈچ سىنىشىشنى ئاخىرلاشتۇردى، جۇڭگو كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقان تۆت شىنجاڭلىق بوكسچىنىڭ ھەممىسى 32 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى. بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار سانىدا شىنجاڭ بوكسچىلىقىنىڭ تارىخى يارىتىلدى.
بۇ قېتىملىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بوكس كوماندىسى سەككىز تەنھەرىكەتچىنى بارلىق دەرىجىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى. بۇ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ تۆتى شىنجاڭلىق بوكسچى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: 69 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، 77 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى توختاربېك تالاتقان، 91 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى ئابدۇرىشېت رەھمىتۇللا ۋە 91 كىلوگرامدىن ئېغىرلار دەرىجىسىدىكى بايقۇز دانابېك.
بۇ قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان پېشقەدەم ماھىر مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2008-يىللىق ۋە 2012-يىللىق ئىككى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە ئۈچ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان، ئۇ شىنجاڭ بوكسچىلىقىدىكى باشلامچى شەخس ھېسابلىنىدۇ. توختاربېك تالاتقان كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 2017-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى بولغان. بۇ يىل 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭلىق بوكسچىلار تۆت ئالتۇن مېدال، ئىككى كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدا مەمەتتۇرسۇن چوڭ، توختاربېك تالاتقان ۋە شىنجاڭنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى بولغان ئابدۇرېشىت رەھمىتۇللا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن، بايقۇز دانابېك ئىككىنچى بولغان.
دۆلەت بوكس كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى، شىنجاڭ بوكس كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرى ئابدۇشكۈر مىجىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئۇزۇن مۇددەت سىستېمىلىق مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى تېز ئۆستى، تېخنىكىلىق ماھارەت سەۋىيەسى، بەدەن ساپاسى، پىسخىك ساپاسى بولسۇن ياكى مەيداندىكى تاكتىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بولسۇن كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى».
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، 78 دۆلەتتىن كەلگەن 450 تەنھەرىكەتچى 12 مۇسابىقە كۈنىدە سەككىز دەرىجە بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ قېتىملىق دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە جۇڭگو بوكس كوماندىسى سەككىز تەنھەرىكەتچى، 13 تىرېنېر ۋە ئارقا سەپ كاپالەت خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ئۆمەكنى ئەۋەتتى. شىنجاڭلىق تۆت ماھىردىن سىرت، قالغان تۆت ماھىر 52 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى خۇ جيەنگۈەن، 57 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى چېن جىخاۋ، 63 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى شەن جۈن، 81 كىلوگراملىقلار دەرىجىسىدىكى جاڭ جىلېي.