تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كۆپ تارماق بىرلىكتە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى «قوغدىدى»

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن شاۋشيۇڭ، ئاينۇر) يېقىندا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقاردى.

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۇقتۇرۇشنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، مالىيە نازارىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي شۆبە بانكىسى بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا مەۋقە كەسپىي يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلار بىلەن ئالاقە باغلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرىگە ئالدىن ئادەم قوبۇل قىلىش، خىزمەت ئىزدەش-ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىنى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىگىچە كېڭەيتىش، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرزى بېرىش بەش تۈرلۈك تەدبىرىنى كەڭ قويۇۋېتىشكە قويۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشى «قوغدالغان».

    بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان شىنجاڭلىق  ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىدا يەنە يېڭى يۇقىرى نۇقتا يارىتىلىدىغانلىقىغا قارىتا، ھەر قايسى ئالاقىدار تارماقلار دىققەتنى داۋاملىق كېيىنكى يېرىم يىلدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ؛ پىراكتىكا قىلىش ئېھتىياجى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىشسىز ياشلارنى ۋاقتىدا رەتكە تۇرغۇزىدۇ؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارغا «بىرگە بىر» ياردەم بېرىش، ئىش ئورنى پىلانىنى ئادەمگە قارىتا مەخسۇس تۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسەن مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى