تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

لەن گوياڭ: مالىنا ئۆستۈرۈپ، شېرىن تۇرمۇش يارىتىش

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز خۇاڭ يەن خەۋىرى) «تۈنۈگۈن 400 كىلوگىرام ئۈزۈلدى، 4000 يۈەن كىرىم قىلدىم.» دېدى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسى كۆلدىنەڭ بازىرى ئارال كەنتى ئاھالىسى لەن گوياڭ مالىنا ئۈزۈش بېغىدا بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلەرگە مالىنالارنى جىڭلاپ بەرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا.

  مۇخبىر بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى مالىنا دەرىخىدە چوڭ-كىچىك زىچچىدە ئۆسكەن مالىنالارنى كۆردى. لەن گوياڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 38 مو يەرگە ئۆستۈرگەن مالىنا 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ مالىنا ئۈزىدىغان، ساياھەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە كەنتتىكىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن.

  لەن گوياڭنىڭ بېغىدىكى سېرىق مالىنا، قىزىل مالىنا ۋە قارا مالىنا ھەر يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئۈزۈلۈشكە باشلاپ، تاكى 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، ھەر كۈنى 40 تىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. مۇخبىر نۇرغۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېۋەت، يېڭى ساقلاش قۇتىسىنى ئېلىپ كېلىپ مالىنا ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۈزۈش باغچىسى سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپلا قالماي،  يەنە شۇ يېزا-بازار ۋە كەنت  ئاھالىلىرىنىڭ  ئۈزۈش خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ياخشى جايى بولۇپ قالدى. 

  «كەنتتە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تېخنىكا خادىملىرى بار، ئۇلار ماڭا يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگىتىپ چوڭ ياردەم قىلدى. مېنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنىم جېڭىس جامالىدىنمۇ دائىم ماڭا ياردەم قىلىدۇ، شۇڭا مەن بەك خاتىرجەم.» دېدى لەن گوياڭ ياردەمگە ئېرىشكەنلىكىنى تىلغا ئالغاندا مىننەتدار بولغان ھالدا.

  كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى لەن گوياڭنى ئىلغار تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، دېھقان-چارۋىچىلارنى مالىنا ئۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ،  ھەر تەرەپتىن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، سېتىپ چىقىرىش يوللىرىنى ئىزدىدى.

  لەن گوياڭ مۇنداق دېدى: گەرچە جاپالىق ئەمگەك قىلغان بولساممۇ، لېكىن قەلبىم ئىللىقلىققا تولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى