تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت يولى G217-لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى بايىنگۇدىن يەنشۈيگۇغىچە بولغان يول بۆلىكىدە سەككىز خىل ئاپتوموبىلنىڭ قاتنىشىغا چەك قويۇلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ مىڭيۈ، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ مىن خەۋىرى): خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈكى شۇنىڭدەك ئاممىۋى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت يولى G217-لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى يول بىخەتەرلىكى ۋە ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى 2019-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت يولى G217-لىنىيەسى مايتاغ-كۇچا تاشيولى بايىنگۇدىن يەنشۈيگۇغىچە بولغان يول بۆلىكىدە بىر قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا چەك قويۇشنى قارار قىلدى.

  بۇ قېتىم قاتناشقا چەك قويۇلغان ئاپتوموبىل تۈرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: يەتتە كىشىلىك (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان)تىن يۇقىرى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، بېكىتىلگەن يۈك مىقدارى بەش توننا (بەش توننىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىن يۇقىرى يۈك ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىلى، پرىتسېپ (پۈتۈن پرىتسېپ، ئوتتۇرا ئوق پرىتسېپ، يېرىم پرىتسېپ)، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، تىراكتور، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى. تاشيول ئاسراش ئاپتوموبىلى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھەربىي-ساقچى ئاپتوموبىلى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بۇنىڭ سىرتىدا. قاتناش چەك قويۇلىدىغان يول بۆلىكى تۆۋەندىكىچە: دۆلەت يولى G217-لىنىيەسى 577km+000m (بايىنگۇ)دىن 1074km+050m (يەنشۈيگۇ)غىچە، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت يولى G217-لىنىيەسى 773km+000m (نارات تەكشۈرۈش پونكىتى)دىن 1074km+050m (يەنشۈيگۇ)غىچە بولغان يول بۆلىكىدە، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش تارمىقى تەستىقلىغان يەتتە كىشىلىكتىن ئارتۇق يولۇچىلار نۆۋەتچى لىنىيەسى ئاپتوموبىلى، تاشيول قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىلىغان يەتتە كىشىلىكتىن يۇقىرى ساياھەت يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى شۇنىڭدەك يول بويىدىكى ماي (گاز) قاچىلاش پونكىتىغا ماي ۋە (گاز) ماتېرىيالى يەتكۈزىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتنىشىغا يول قويۇلىدۇ.

  قاتنىشىغا چەك قويۇلغان ئاپتوموبىللار دۆلەت يولى G3012-لىنىيەسىنىڭ كۇچادىن خېجىڭغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G218-لىنىيەسىنىڭ خېجىڭ بۆلىكى ياكى دۆلەت يولى G30-لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈندىن چىڭشۈيخېغىچە بولغان بۆلىكى، دۆلەت يولى G3016-لىنىيەسىنىڭ چىڭشۈيخېدىن غۇلجىغىچە بولغان بۆلىكىدە ئايلىنىپ قاتنىسا بولىدۇ. بۇ يولدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇرلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇن-نىزاملارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، يول يۈرۈشكە چەك قويۇش بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى