تىيانشان تورى خەۋىرى ( ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ شيەنشيا خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، سانجى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ، 7- باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 1- ئوتتۇرا مەكتەپ سانجى ئوبلاستى بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ «ماشىنا ئادەم ئوقۇتۇشىدىكى ئالاھىدە مەكتەپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى، شۇنداقلا ھەر بىر مەكتەپ بىر ماشىنا ئادەم ئوقۇتۇش قورالى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانجى شەھىرى ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈرلۈك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم- پەن ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.