تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن قۇم مەنزىرە رايونىنىڭ ئوبرازىنى ئاشۇردى

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ما جيەنلوڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېن مىڭ خەۋىرى)، جۇڭچيۇ  بايرىمى مەزگىلى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قۇم مەنزىرە رايونى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، زامانىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى بىلەن قەدىمىي يېزا-كەنت مۇھىتىنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش جەريانىدا، ساياھەتچىلەرنىڭ ئاڭلىقلىقى، سودىگەرلەرنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە  ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ  ئۈنۈمى كىشىنى خۇش قىلدى.

    جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، قۇم مەنزىرە رايونىدا، ھەر 50 مېتىر ئارىلىققا بىر گۇرۇپپا كۆرسەتمىلىك تۈرگە ئايرىلغان ئەخلەت تۇڭلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ ئەخلەت تۇڭلىرى زىيانلىق ئەخلەت (قىزىل)، يېغىۋېلىشقا بولىدىغان نەرسە (كۆك)، ئاشخانا ئەخلىتى (قارا)، باشقا ئەخلەت (يېشىل)تىن ئىبارەت تۆت گۇرۇپپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساياھەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر ئاڭلىق ھالدا ئەخلەتلەرنى تۈرگەن ئايرىپ مۇناسىپ ئەخلەت ساندۇقىغا سالىدۇ، شاڭخەيلىك ساياھەتچى ۋاڭ خانىم مۇنداق دېدى: «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىغان ئاممىۋى مۇھىت ئاسراش ھەرىكىتى، ئويلىمىغان يەردىن قۇم مەنزىرە رايونىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمكى يېزا-كەنتتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، شاڭخەينىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىنمۇ بەكرەك ياخشى ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ!»

    قۇم مەنزىرە رايونىدا يېمەك-ئىچمەك كەسپى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دېھقانلار ئارامگاھلىرى پۈتۈنلەي كىچىك تىپتىكى ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش  ئۈسكۈنىسىنى ئورناتتى، قۇم تاغ مېھمانخانىسىنىڭ ئارقا ئاشخانىسىدا، بۇ مېھمانخانىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى شۆ لىمىڭ مۇخبىرغا يېڭىدىن قۇراشتۇرۇپ تەڭشەلگەن ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قاراڭ، بۇ تۈرگە ئايرىلغاندىن كېيىنكى ئاشخانا ئەخلەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسىگە كىردى، ئېزىپ قۇيۇلدۇرغاندىن كېيىن، ئاساسلىق باشقۇرۇش تورىغا ئېقىپ كىرىپ، ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدا مەركەزلىك بىر تەرەپ قىلىنىدۇ». 

   «جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى بۇ نەچچە كۈندە، مېھمانخانىمىزدىن كۈندە چىقىدىغان تۈرلۈك ئەخلەت 400 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاشخانا ئەخلىتىلا 200 كىلوگىرامدىن ئارتۇقنى ئىگىلەيدۇ. ئىلگىرى، يۇندىنى بىر تەرەپ قىلىش بەكمۇ تەس ئىدى، شۇنداقلا ھېچكىم ئېلىپ كېتىشنى خالىمايتتى، چىرىگەن ھامان سېسىق پۇراق يەر-جاھاننى بىر ئالاتتى. ھازىر ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلغاچقا، بۇلغىنىش نىسبىتىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن نۆلگە چۈشتى، ئادەم كۈچى بىلەن ماددىي كۈچنى تىجەپ قالغاندىن سىرت، يەنە مۇھىتنىمۇ قوغدىدى.»

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى