تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نارات مەنزىرە رايونى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى تۇنجى قېتىم مىليون ئادەمدىن ئاشتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۇ رۇڭجى خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 11دە، نارات مەنزىرە رايونى 2019- يىلىدىكى بىر مىليونىنچى ساياھەتچى سىچۈەن ئۆلكىسى چىڭدۇ شەھىرىدىن كەلگەن ساۋ يۇڭمېينى كۈتۈۋالدى.

  نارات مەنزىرە رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى، ھەر يىلى ناھايىتى كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ. كۈز كىرىشى بىلەن نارات مەنزىرە رايونىدىكى يېشىل ئوت-چۆپلەر بارا-بارا سارغىيىپ، تاغلار، ئورمانلار ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل بولۇپ كېتىدۇ. ساۋ يۇڭمېي مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە مول يايلاق مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىپلا قالماي يەنە،  بىر مىليونىنچى ساياھەتچى بولۇپ قالدىم. مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن.» 

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نارات مەنزىرە رايونى كۈتۈۋېلىش مىقدارى جەھەتتە يەنە بىر قېتىم تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلدى. نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: بۇ يىل يەككە كۈندە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى ئىككى قېتىم 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. 2017- يىلى بۇ مەنزىرە رايونى پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 750 مىڭ ئادەم قېتىم، 2018- يىلى پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 900 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

  تاۋسانى مەنزىرە نۇقتىسى ساياھەتچىلەر نارات مەنزىرە رايونىغا كىرىشتىكى تۇنجى مەنزىرە نۇقتىسى. بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر يايلاق، تاغ، ئورمان، مۇز تاغ ۋە بىر تاغ تۆت خىل مەنزىرىلىك ئىلى دەرياسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەنزىرە رايونىغا يەنە «توردا مودا بولغان كارتا سۈركەش نۇقتىسى» شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ سۈرەتكە چۈشۈشى ئۈچۈن نۇر قايتۇرۇش تاختىسى ئورنىتىلغان، ھەمدە دائىملىق ئويۇن قويۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ.

  نارات مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلغاندا، ساياھەتچىلەر چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدە چۈچۈمەل، تەملىك قۇرت سېتىۋالغاندىن باشقا، يەنە قۇرت ياساشقا قاتنىشالايدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، نارات مەنزىرە رايونى 1999- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت باشلىغان بولۇپ، پىلانلانغان كۆلىمى 960 كىۋادرات كىلومېتىر. 20 يىللىق تەرەققىياتتىن كېيىن ھازىر مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت يوللىرى ئىلگىرىكى 20 كىلومېتىر كېلىدىغان ئىككى يولدىن 132 كىلومېتىر كېلىدىغان 6 يولغا كۆپەيتىلگەن؛ ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ئىلگىرىكى 5تىن 27گە كۆپەيتىلگەن، ساياھەت كۆلىمى ئىلگىرىكى 20 كىۋادرات كىلومېتىردىن 260 كىۋادرات كىلومېتىرغا كېڭەيتىلگەن، ئۈچ ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساياھەت مەھسۇلاتىنى دەسلەپكى مەزگىلدىكى يەككە ھالەتتىكى كۆرۈپ ساياھەت قىلىشتىن، ساياھەت، دەم ئېلىش، سودا، ئىلمىي تەكشۈرۈش بىر گەۋدىلەشكەن بىرىكمە تىپلىق ساياھەت مەھسۇلاتىغا تەرەققىي قىلدۇرغان.

سۈرەت، ۋىدىيو: نارات ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى