9-ئاينىڭ 15-كۈنى، چۇنخۇ كوچىسى تۇڭجاۋ پورتىدىكى بېلىق كېمىلىرى يولغا چىقىشقا تەييارلىنىپ، رەسمىي بېلىق تۇتۇش باشلانغاندىن كېيىن دېڭىزغا چىقماقچى بولدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى فىڭخۇا رايونى تۇڭجاۋ كەنتىدە 2019- يىللىق فىڭخۇا بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، بېلىقچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىنى تەبرىكلىدى. 9- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ شەرقىي دېڭىزىدا تۆت يېرىم ئاي داۋاملىشىدىغان تومۇز پەسلىدىكى بېلىق تۇتۇشنى توختىتىشنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك بېلىق تۇتۇشقا باشلايدۇ. (خۇاڭ جۇڭجى فوتوسى)