تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا «مىليون چەۋەنداز مىڭ شەھەر مىليون ئائىلە» ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ چېن خەۋىرى، فوتوسى) «جىرىڭ، سىزنىڭ مېيتۈەندىن بۇيرۇتقان تامىقىڭىز كەلدى...» بۈگۈندىن باشلاپ توردا تاماق بۇيرۇتقىنىڭىزدا، مېيتۈەن چەۋەندازلىرىنىڭ قولىڭىزغا يەتكۈزىدىغىنى يالغۇز تاماق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئالدامچىلىققا قارشى تەشۋىقات ۋەرەقىسىنىمۇ تارقىتىدۇ، چۈنكى 9- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ، «مىليون چەۋەنداز مىڭ شەھەر مىليون ئائىلە» شىنجاڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن مېيتۈەن باھالاش گۇرۇھى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەمكارلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى بارلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە مېيتۈەن چەۋەندازلىرىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا 2 مىليون پارچە ئالدامچىلىققا قارشى مەزمۇن بېسىلغان تاماق قىستۇرما قەغىزى قاتارلىق تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى كەڭ خېرىدارلارغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئالدامچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئالدامچىلىق دېلولىرىنىڭ پاش قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى، بىخەتەر ئىجتىمائىي مۇھىتنى قوغداشقا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

   پائالىيەت نەق مەيدانىدا، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىدىكىلەر چەۋەندازلار ۋەكىلىنىڭ تاماق ساندۇقىغا ئالدامچىلىققا قارشى تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى چاپلىماقتا ھەمدە ئالاقىدار تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقاتماقتا، مېيتۈەن چەۋەنداز ۋەكىللىرى قەسەم بەرمەكتە.

  ئالاقە تورى ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى خەۋەرلىشىش، پۇل مۇئامىلە قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىنىڭ قانۇنغا خىلاپ يېڭىچە جىنايى ھەرىكەتلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىمۇ بۇ قېتىمقى مېيتۈەن باھالاش گۇرۇھى بىلەن بولغان ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى ئارقىلىق، ياخشى ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ ئامما، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كارخانىلىرىنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ساقچى-كارخانا ھەمكارلىقى شىنجاڭنىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئىجادىيەت بولۇپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى تەشۋىقاتىنىڭ يېڭى تەپەككۇرىنى ئېچىپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى بېيىتىپ، كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلغان.

  بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ساقچى-كارخانا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى