تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخىبر بەي لىن خەۋىرى، سۈرەتلەرنى مەكتەپ تەمىنلىگەن): 9-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 51-ئوتتۇرا مەكتەپتە «جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال-خۇرام كۈتۈۋېلىش» باش تېمىسىدا سىنىپ يىغىنى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى.
بۇ مەكتەپ رادىيو ئۇزېلى، تەشۋىقات تاختىسى، قارا دوسكا گېزىتى، قوليازما گېزىت قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، قويۇق بايرام كەيپىياتى يارىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى.
پائالىيەتتە، ھەر قايسى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭچيۇ بايرىمى ھەققىدىكى ھېكايە، ئۆرپ-ئادەتلەرنى سۆزلەش، شېئىر ئوقۇش، ئۇسسۇل ئويناش، كۈلدۈرگە ئېيتىش، يۆبىڭ يېيىش، تەبرىك كارتىسى سوۋغا قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مەنىسىنى بىرلىكتە چۈشىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى بىرلىكتە ھېس قىلدى.
«بۇ قېتىمقى <جۇڭچيۇ بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋېلىش> باش تېمىسىدىكى سىنىپ يىغىنى پائالىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى چۈشەندۈرۈش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتتى. «مەكتىپىمىز جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزىمىز» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 51-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ دوچىن.