تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گۇڭ شىجيې، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ۋاڭ خۇۋيۈن خەۋىرى) كۈز كىرگەندىن بۇيان، كۇچادا كېچىدە بىر ئاز سوغۇق بولسىمۇ، بىراق نان شەھىرى كەچلىك بازىرىدىكى ئىسسىق كاۋاپ، مالاتاڭ، خوگو، گۆش نان، تۇخۇم پوشكىلى، مايدا پىشۇرۇلغان موگۇنىڭ خۇش پۇرىقى تۆت ئەتراپقا تارقالدى، ناخشا-ئۇسسۇل قىزغىنلىقى ئەۋجىگە چىقتى، ساياھەتچىلەر يېمەكلىكلەرنى تېتىپ پۇخادىن چىقتى... بۇ يىل، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسى «كەچلىك بازار+ساياھەت» ئەندىزىسىنى ئېچىش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىپ، ئىناق بىللە مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەر بىلەن ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى.
9- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ، پانۇسلار ئېسىلغان نان شەھىرى كەچلىك بازىرى مىغ-مىغ ئادەم بىلەن تولغان بولۇپ، يايما ئىگىسى ئارزىگۈل ئەخەت قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكەن-كەچكەن مېھمانلارنى چاقىرماقتا ئىدى. ئىلگىرى ئۇ كۆچۈپ يۈرۈپ يايما ياياتتى، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ ياتسىمۇ كىرىمى ئاز بولۇپلا قالماي، ناچار ھاۋارايىغا دۇچ كېلىپ قالسا سودا قىلالمايتتى. ھازىر، ئۇ 8 ئۈستەل ئىجارە ئالدى، ئىجارە ھەققى قاتارلىق چىقىملارنى چىقىرىۋەتكەندە، بىر ئايدا 14 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلالايدىغان بولدى.
«باشقىلاردىن نان شەھىرى كەچلىك بازىرىنىڭ ناھايىتى قىزىيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ كەلدىم، ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ خاس يېمەكلىكلەر بار ئىكەن، بىزنىڭ كەتكۈمىز كەلمەي قالدى.» دېدى كۇچا ناھىيەسى بىيىشباغ يېزىسىدىن كەلگەن دېھقان ئابلا قادىر.
شەندۇڭلۇق ساياھەتچى ۋاڭ جىندۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلىدىكى تۆتىمىز نان شەھىرى كەچلىك بازىرىدا كاۋاپ، ئاچچىق قوي پاچىقى، قېرىن، جياۋماجى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە ئاران 200 يۈەنلا خەجلىدۇق، ناھايىتى ئەرزان ئىكەن.»
نان شەھىرى كەچلىك بازىرىنىڭ مەسئۇلى ليۇ چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ئادەتتە كەچلىك بازاردا ھەر كۈنى 300 دىن ئارتۇق ئادەم كۈتۈۋېلىنىدۇ، بايرام مەزگىلىدە ئادەم سانى ھەسسىلىنىپ كېتىدۇ، كەچلىك بازار ئالاھىدە ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ قالدى، ساياھەتچىلەرنىڭ يېيىش، ئويناش، ساياھەت قىلىش تەلىپىنى قاندۇرالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۇچا ناھىيەسى چوڭ تىپتىكى خاس كەچلىك بازاردىن ئۈچنى ئارقا-ئارقىدىن ئېچىپ، ئىچكىرى ئۆلكە كەچلىك بازارلىرىنىڭ ئىلغار تىجارەت تەجرىبىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ساياھەت، ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىت ئاسراپ ئېنېرگىيە تېجەش قاتارلىقلارنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى ھەل قىلغان، ساياھەت يۇقىرى پەللىسىدە ھەر كۈنى 7000 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەچلىك بازار ئىقتىسادى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىنغان.