تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئۈرۈمچى شەھىرى: جۇڭچيۇنى تەبرىكلەپ ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىش

    تىيانشان تورى خەۋىرى: ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەخت تىلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىپ، بايرام تەبرىكلەندى. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دۇڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چيەنجىن غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر، قوشماقلاشقان تۇغقانلار خۇشال جەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە سۆزلىشىپ، بەخت تىلىشىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  پائالىيەت «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق خور بىلەن باشلاندى. ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق سەرخىل مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كەينى-كەينىدىن ئورۇنلاندى، كۆپچىلىك بىرلىكتە نومۇر كۆرگەچ، يۆبىڭلەرگە ئېغىز تېگىپ، مۇڭدىشىپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشتى.

   ئاھالە خەيرىگۈل مامۇت مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەتىگەندىلا، مەن يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ، سىڭلىم شى يەنخۇڭنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ بىللە بايرام ئۆتكۈزدۈم. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، سىڭلىم دائىم دېگۈدەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ ئۆيىمىزگە مېنى يوقلاپ كېلىدۇ، ماڭا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، مەن بىلەن مۇڭدىشىدۇ، بىز خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتىمىز. خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش پائالىيىتى سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.

  (ماقالىنى ئىختىيارىي مۇخبىر لى جىڭ تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى