تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چاقىلىقتا 230 مىڭ مودىن ئارتۇق چىلان «شېكەرلىنىش» مەزگىلىگە كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ فۇپىڭ خەۋىرى): «بۇ يىل چىلاننىڭ مېۋىلەش ۋاقتىدىكى تېمپېراتۇرا بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، چىلىنىمىزنىڭ مېۋىلەش ۋاقتى ناھايىتى ياخشى بولدى، ھازىر چىلان «شېكەرلىنىش» مەزگىلىگە كىردى، مو بېشىغا 800-900 كىلوگىرام ھوسۇل بېرىدۇ.» 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىدىكى جاڭ يۆ كەنت كادىرلىرىغا ئائىلىسىدىكى چىلاننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، بۇ يىل چىلاننىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى .

  شۇ كۈنى، تىكەنلىك بازىرى بوستان كەنتىدىكى ئەخمەت ئوسمان ئېتىزلىقتا ئوت ئوتاۋاتاتتى. ئۇ : «ھاۋا كىلىماتى سەۋەبىدىن، بۇ يىل چىلاننىڭ «شېكەرلىنىش» ۋاقتى بۇلتۇرقىدىن 10 كۈن ئەتراپىدا بۇرۇن بولدى. بىزنىڭ ئۆيدىكى چىلان دەرىخىنى 2017 - يىلىلا شالاڭلىتىپ بولغان، چىلان دەرەخلىرىنى ئىككى يىل ئىلمىي پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، بۇ يىلقى چىلانلىرىمىز  ھەم چوڭ ھەم سۈپىتى ياخشى بولدى» دېدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېشىل، ئورگانىك چىلان ئىشلەپچىقىرىش تەلىپى بويىچە، چىلان ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، چىلان دەرىخىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا شالاڭلىتىشنى قانات يايدۇردى ھەمدە ناھىيە بويىچە چىلانچى دېھقانلارنى چىلان پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، چىلانچى دېھقانلارنى ئىلگىرىكى ئېغىر مەھسۇلاتتىن ئەلا سۈپەتكە ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، چىلان كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياردەم بەردى .

  چاقىلىق چىلىنى دۆلەت ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن بىرىنچى بولۇپ، «جۇغراپىيەلىك مەھسۇلات ئىسپاتى تاۋار ماركىسى» ، «جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتلىرىنى قوغداش» ، «جۇڭگونىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسى» قاتارلىق 10 تۈرلۈك ئالتۇن مېدال، 4 تۈرلۈك كۈمۈش مېدالغا ئېرىشىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «جۇڭگو چىلان ماكانى»غا ئايلاندى. 

    نۆۋەتتە، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 233 مىڭ 800 مو چىلان «شېكەرلىنىش» مەزگىلىگە كىردى. مۇخبىرنىڭ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ناھىيەنىڭ چىلان مەھسۇلات مىقدارىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈن، يېقىندا بۇ ناھىيەنىڭ چىلان پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى تۈركۈمگە بۆلۈپ ھەر قايسى يېزا-بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ناھىيەنىڭ چىلان مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان .

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى