تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ باش تېما تەربىيەسىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ھەقىقىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن ھەر مىللەت كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قوراللاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، توغرا مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك، خەلق رازى مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى باش لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» باش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جىپسىلاشتۇرۇش، بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشتا دىققەتنى ئىدىيەدىكى نېگىزلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئەمەلىي تەدبىر تۈزۈپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش - كۆزىتىشتە ئادەمنى كۆرۈپ، ئىشنى بىلىپ، ئىدىيەنى تونۇپ، تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن كۈچەپ ساقلىنىپ، كۆرسەتكۈچنى قاتلاممۇقاتلام ئۆستۈرمەسلىك، بەزى كادىرلار، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ھەر مىللەت ئامما دىققەت قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مۇھىم ھەم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپلەرنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى