تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىدە «ئۈچنى تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى

«كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش» كۆپ بىر گەۋدىلەشتى

ئاپتونوم رايونىمىز ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىدە «ئۈچنى تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: «دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت» دېدى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى 2- يىللىقىنىڭ ئوقۇغۇچىسى خۇرشىدە مەمەت مىننەتدارلىق بىلەن.

خۇرشىدەنىڭ ئۆيى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقيار بازىرىدا بولۇپ، ئائىلىسىدە ئالتە جان بار، ئاكىسى ۋە ئىنىسى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى بىرقەدەر ئېغىر. بۇلتۇر، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خۇرشىدە 6000 يۈەنلىك دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش ئۆسۈمسىز قەرز پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالدى.

ئوخشاشلا، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن مەنپەئەتلەنگەن، بۇلتۇر ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشى شىسىنى پۈتكۈزگەن پاتەم قۇربان «ئۈچ كەچۈرۈم، بىر ياردەم» بويىچە ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى (ياتاق ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، دەرسلىك ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەر يىلى 2000 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش)نىڭ مەدىتىدە، ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئاقسۇ خۇافۇ رەڭلىك توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلاندى، ئايلىق مائاشى 3000 يۈەندىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

خۇرشىدە، پاتەمگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە ئائىلىسى نامرات تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچى ئوقۇشىنى تاماملىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشتى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ قاپلاش كۆلىمى يىلدىن - يىلغا كېڭەيدى، ئىقتىسادىي ياردەم سوممىسى، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن - يىلغا ئاشتى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش مەبلەغ سېلىنمىسى 2007- يىلىدىكى 136 مىليون يۈەندىن 2018- يىلىدىكى 5 مىليارد 854 مىليون يۈەنگە كۆپىيىپ، 40 ھەسسە ئاشقان.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، يەسلى مائارىپىدىن ئاسپىرانتلار مائارىپىغىچە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى تەدرىجىي ئورناتتى، تاكامۇللاشتۇردى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز «كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز بېرىش، ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىش» كۆپ بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، مائارىپ باسقۇچلىرىنى تولۇق قاپلاش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى، پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى تولۇق قاپلاش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت «ئۈچنى تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتە «بىرنىمۇ كەم قالدۇرماسلىق، بىرنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون) ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىپ، «دەل جايىدا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش» ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېتىم، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەر قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك كىشىلەر توپىنى ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ كۈچلۈك يولغا قويۇلۇشى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللىتىپ، نۇرغۇن نامرات ئائىلىگە ئۈمىد بېغىشلاپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش، ئۈزۈۋېتىشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى