تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى

خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساياھەت تاۋارلىرىغا ئايلاندى

ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: «نۆۋەتتە، ئاقسۇ ۋىلايىتى چىلان، ياڭاق، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق 13 يۈرۈش 200دىن ئارتۇق سورتتىكى باغ - ئورمان ساياھەت مەھسۇلاتىنى يېتىشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە 2000دىن ئارتۇق خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتىنى سېتىش تور نۇقتىسى قۇرۇپ چىقتى.» يېقىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنى ئېچىش بويىچە نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى چاڭ يۈشۈەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن بۇ خۇش خەۋەردىن ئورتاقلاشتى.

ئاقسۇدىن باشقا يەنە كۈنەس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم باقىتجان خالىمبېكمۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۈنەس ناھىيەسىنىڭ «ئالاقە تورى + ساياھەتچىلىك + يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى» تور سۇپىسى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى، نارات تور سودا شەھەرچىسى ۋە ئىككى O2O (توردىن تور سىرتىغىچە) سىناق سارىيىنىڭ سېتىش كىرىمى 7 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

يېزا ئىگىلىك رايونلىرى مەنزىرە رايونىغا ئۆزگەردى، ئېتىزلىقلار باغچىغا ئۆزگەردى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تاۋارغا ئۆزگەردى، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى مېھمانخانىغا ئۆزگەردى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت تاۋارلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، سېتىلىشىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق ھالقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن رايون بويىچە «ئۈچ مەھسۇلات، بىر بەلگە»سى بار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدىن جەمئىي 1927سى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگىنى 30، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 13 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق باشلامچى كارخانا 500 بولۇپ، %85تىن كۆپرەك كارخانا خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنى ئاچىدۇ، ئىشلەپچىقىرىدۇ، 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە باھالاپ چىقىلغان «شىنجاڭ سوۋغىسى» ئىچىدە %90تىن كۆپرەكى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى.

نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاشلىق، پاختا، خاس باغ - ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە رايون خاس دېھقانچىلىقىدىن ئىبارەت بەش چوڭ يېتەكچى كەسىپ شەكىللەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، پاختا ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ %83.8ىنى ئىگىلەيدۇ، پىششىقلانغان پەمىدۇر، زاراڭزا، قۇلماق، ئالقات ھوسۇلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90، %80، %70، %50ىنى ئىگىلەيدۇ، ئۈزۈم، چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرىدۇ، ياڭاق ھوسۇلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2- ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، خاس چارۋا - ئۆي قۇشلىرىنىڭ تۈرى مول، كالا، قوي گۆشى قاتارلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ئەلا.

ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر قارقىن قابدۇكېرىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى جايلارنى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت تاۋارلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشقا يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەللىكى، تارىخىي مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، «ياخشى تېرىش» «ياخشى پىششىقلاش» «ياخشى سېتىش»تىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنى مۇكەممەل ياخشى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، مەھسۇلات مەزمۇنىنى بېيىتىپ، تىرىشىپ كۆلەم، سۈپەت، سۈپەتلىك ماركا ۋە سېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك دەرىجىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى