تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى

ئاپتونوم رايون ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇردى

ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: مەكتەپ ھەم مەكتەپ ئەتراپىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ شەھەر - يېزا تۆۋەن كاپالىتىدە ھېلىھەم «ئادەمگەرچىلىك تۆۋەن كاپالىتى» «مۇناسىۋەت تۆۋەن كاپالىتى» ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ - يوق؟ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ساھەسىدە قائىدىگە خىلاپ تەقسىم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ۋاقتىدا ھەل قىلىندىمۇ - يوق... باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى. 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىدىن 808ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 881 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى.

«بىز <ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى>نى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى باشلامچى بولغان، مەخسۇس تۈزەشتىكى باشلامچى ئورۇن ۋە قاتناشقان ئورۇنلار ئەزا ئورۇن بولغان مەخسۇس تۈزەش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قارايدىغان، زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى چۆرىدەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مائارىپ - داۋالاش، مۇھىت ئاسراش، يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە «ئۇششاق چىرىكلىك» مەسىلىسى، ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، دەل جايىدا تۈزەش، ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش - تۈزىتىش، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورناتقان، تاكامۇللاشتۇرغان.

مەسىلىگە ئاتلىنىپ تۈزىتىشنى تۇتتى، ئەلرايىغا يۈزلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتتى. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە سەل قاراش، زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باشلامچى بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۇدا ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، ئون چوڭ تۈزەش ساھەسىدىكى 40 تۈرلۈك تۈزەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇل ئورۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈركۈم مەسىلىنى ھەل قىلدى.

جەمئىيەتنىڭ دىققەت قىلىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇۋاتقان يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى قالايمىقانچىلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بەلگىلىمىگە خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تۈزەپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى تۈرلۈك كۆچمە يېمەكلىك يايمىسىدىن 67نى تازىلاپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان 230 كارخانىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دورا جىنايىتىگە چېتىشلىق يەتتە دېلودىكى 74 ئادەمنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئاممىنىڭ «يېمەكلىك بىخەتەرلىكى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان «ئادەمگەرچىلىك تۆۋەن كاپالىتى» «مۇناسىۋەت تۆۋەن كاپالىتى» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى مالىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ، يېزا - بازارلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ساھەسىدىكى خاتا تۆۋەن كاپالەت، چۈشۈرۈپ قويۇلغان تۆۋەن كاپالەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئائىلە كىرىمى تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن خادىملارنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىدىن ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ چىقىرىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 65 مىڭ ئادەمنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، «ئادەمگەرچىلىك تۆۋەن كاپالىتى» «مۇناسىۋەت تۆۋەن كاپالىتى» قاتارلىق تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىدىن 684نى ئېنىقلاپ قايتۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشتىكى «كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» «چېكىندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق چېكىندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ساھەسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تەقسىم قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ بەھرىمەن بولۇش، ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئىجارە بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىپ ئارىيەت بېرىش، ئۆي ۋاسىتىچىلىكىدىكى ئىجارە بېرىش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىگە كىرىش ئىجازىتى، چېكىندۈرۈش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش قاتارلىق قائىدە - تۈزۈملەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان 1891 يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇۋالدى، كاپالەت ئوبيېكتلىرى بىلەن 772 پارچە ئىجارە كېلىشىمىنى قايتىدىن ئىمزالىدى، ئارقىغا سۆرەپ تاپشۇرمىغان 1 مىليون 265 مىڭ 400 يۈەن ئىجارە ھەققىنى قايتۇرۇۋالدى.

تۈزىتىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى «كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدۇ»، ھەر مىللەت ئامما مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ كەلگەن يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئۆزگىرىشنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. «بىز مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى بويىچە <قايتا قاراپ چىقىش> خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزەش نەتىجە - ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدايمىز» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى