تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەر ئارقىلىق جۇڭچيۇنى ئۆتكۈزۈپ دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش

ئويۇن كۆرۈش، تېپىشماق تېپىش، ھېكايە سۆزلەش، مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت قىلىش... جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە، كۈز تۈسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كىشىلەر قەلبىگە تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭدۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

دېرىزە سىرتىدا تولۇن ئاي، مەيدان ئىچىدە ياڭرار مۇزىكا لەرزان. 9- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرى جۇڭچيۇ بايرىمى ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا «يۇرتۇمنىڭ بۇلۇتى»، ئۇسسۇل «كىتاب ھۇزۇرى»، چالغۇلار بىلەن كوللېكتىپ ئورۇنلانغان مۇزىكا «گۈزەل مەنزىرە»، ئومۇمىي خور «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق نومۇرلار سەرخىل بولۇپ، تاماشىبىنلارنى بىر مەيدان كىلاسسىكلىق بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ ئۇچراشقان سەنئەت كاتتا بەزمىسىدىن ھۇزۇرلاندۇردى. نەق مەيداندا تاماشىبىنلار بىلەن ئارتىسلار بىللە ناخشا ئېيتىپ، ۋەتەنگە بەخت تىلىدى.

9- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ، قومۇل ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى شىچۈينى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئويۇنى قويۇش پائالىيىتىنى قىزغىن ئېلىپ باردى. قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى چىنچياڭ تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شۇ جايدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ، ھەر كۈنى ئىككى مەيدان ئويۇن قويدى. «سەننياڭنىڭ بالا تەربىيەلىشى» «15 تىزىق مارجان» «ياڭ ئائىلىسى سەركەردىلىرى» قاتارلىق ئەنئەنىۋى كىلاسسىك ئويۇنلار 15 مىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى بەس - بەستە كۆرۈشكە جەلپ قىلدى، ئۇلار بىر ئۇنتۇلغۇسىز بايرام ئۆتكۈزدى.

«جۇڭچيۇ ئۆتكۈزۈش، يۆبىڭ يېيىش، 15 كۈنلۈك تولۇن ئاي ئاسماننى يورۇتۇش...» 9- ئاينىڭ 12- كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنى چۈشەندۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق 1- باشلانغۇچ مەكتىپى قانات يايدۇرغان «ئاي تولغاندا جۇڭچيۇنى سۆزلەش» باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنىدا، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى باشلاپ يۆبىڭ تېتىپ، تەبرىك كارتىسى ياساپ، ناخشا ئېيتىپ، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلدى، جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئۆرپ - ئادىتى ھەمدە ئالاقىدار شېئىرلارنى زېھىن سىناشقا سىڭدۈردى، ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا قىزغىن قاتناشتى، قىزغىنلىقى تولۇپ تاشتى. تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق 5- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 4- يىللىق 2- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئەقىدە ئەخمەت خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سىنىپتىكى ھەممەيلەن بىرلىكتە يۆبىڭ يەپ، تېپىشماق تېپىپ، قەدىمكى زامان شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، جۇڭچيۇنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ۋە ئۆرپ - ئادىتىنى چۈشىنىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىمىز چوڭقۇرلاشتى».

بايرام مەزگىلىدە، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى چوڭ مەنزىرە رايونلىرىدا ئادەملەر ئېقىمى كۆپىيىپ، ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى. ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى مەنزىرە رايونلىرى بەس - بەستە مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتىن ھۇزۇرلىنىپ، كۆڭۈللۈك بايرامنى ئورتاق ئۆتكۈزدى.

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، كورلا شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى كۆپلىگەن مەدەنىيەت ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ «كاتتا بايرامنى مۇشۇ ۋاقىتتا بىللە ئۆتكۈزۈش گۈزەل مەنزىرىدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىش» جۇڭچيۇ باغ سەيلىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە باغ سەيلىسى قىلىپ، يۆبىڭ يەپ، چاي ئىچىپ، گۈللەرنى تاماشا قىلدى، بالىلار نەق مەيداندا توشقان چىراغ، ماي قەغەزلىك كۈنلۈكنى قولدا ياسىدى، گۇچىن بىلەن مۇزىكا ئورۇنلاش، خەنفۇ كىيىم كۆرگەزمىسى قاتارلىق نومۇرلار شەھەر ئاھالىلىرىگە جۇڭچيۇ كاتتا بايرىمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادىتىنى، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول، چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى.

كۈز كۈنلىرىدىكى تىيانشان بوغدا كۆلىدە ئاسمان كۆپكۆك، كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، شەمشادلار ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى. 9- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 11دە «خەلق شادلىنىپ تىيانشان تېغىدا مەستخۇش بولۇش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلىش» مۇزىكا كېچىلىكى باشلاندى. كۆپ ئاڭلاپ قۇلاققا سىڭىپ كەتكەن مۇزىكىلار، يۈرەكنى تىترىتىدىغان پەدىلەر، ساياھەتچىلەرنى يېقىملىق مېلودىيەگە ۋە قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدۈردى. كەينىدىن، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئورگان كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە «شۈيدياۋ گېتوۋ. جۇڭچيۇ»نى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلدى، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم»نى بىللە ئېيتتى. «دىڭخەي شېنجېن» مەنزىرە نۇقتىسىدا، 100 پانۇس تېپىشمىقى كۆپلىگەن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا ۋە تېپىشماق تېپىشقا جەلپ قىلدى. شەندۇڭلۇق ساياھەتچى ۋاڭ چۇنخۇي خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەنزىرە رايونى ئۆتكۈزگەن بۇ پائالىيەتلەر بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى، بۇ جۇڭچيۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى».

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ كۆكسۇل مەنزىرە رايونى «گۈل سەيلىسى قىلىپ، ئاينى تاماشا قىلىپ جۇڭچيۇنى سۆزلەش − جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىدا گۈل سەيلىسى قىلىش، گۈل ئىزدەش، گۈل نامىنى تېپىشتىن سىرت، يەنە جۇڭچيۇ ھېكايىسىنى سۆزلەش قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى لى يۈ مۇنداق دېدى: «ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك چېغىمدا، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىدىكى بىر چاسا قورۇدا ئولتۇراتتۇق، قورۇدا ھەر مىللەت قوشنىلار بار ئىدى، جۇڭچيۇ بايرىمى كەلگەندە، ھەممە ئائىلىدىكىلەر تاماق - سەيلىرىنى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىزىپ، بىللە تاماق يېگەچ ئاي تاماشىسى قىلاتتۇق، بەك قىزىيتتى ھەم ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلاتتۇق. بۇ قېتىم كۆكتوقايغا قايتىپ، مەن ئەسلىدىكى چاسا قورۇنى كۆردۈم، بالىلىرىم بىلەن بىللە ئەينى يىللاردىكى تۇرمۇشنى ئەسلەپ ئۆتتۇق، بۇنىڭدىن تېخىمۇ بەختكە چۆمدۇق».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يىڭچۇن، گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، خې لىڭ، جەزىرە نېسىببېك، ئىختىيارىي مۇخبىرلار گاڭ لىچياڭ، خۇ جىنلياڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى