تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى بەش يىلدا توشۇغان يولۇچى 8 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئەمدىلا ئاخىرلاشقان 2019- يىللىق يازلىق يولۇچى توشۇشتا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى توشۇغان يولۇچى 460 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ھالقىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.32 ئېشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يولۇچىلار بىلەن تولۇش نىسبىتى %92كە يەتتى. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، يولۇچى توشۇش مىقدارى 8 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

2014- يىلى 8- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئۇچقان بوئېئىڭ 800- 737 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ غۇلجا ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قونۇشى بىلەن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تولۇق تايىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئۈرۈمچى - قەشقەر، ئۈرۈمچى - خوتەن، ئۈرۈمچى - قاناس قاتارلىق شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى رايونلار ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ بېرىش - كېلىشى، سودا ئالاقىسى، ساياھەت - ئارام ئېلىشىنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ، خاڭجوۋ، چىڭداۋ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ - كېلىدىغان سودا ئىشلىرى، ساياھەت يولۇچى مەنبەسى زىچ توپلانغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى پائال ئېچىپ، قولايلىق، تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدىغان ھاۋا يولىنى بەرپا قىلدى.

«مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇش»، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى يەنە تىرىشىپ ئۈرۈمچىدىن باشلىنىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى ۋە ئايرودۇرۇم ئەتراپى كەسىپ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، خەلقئارالاشقان ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇشقا قاراپ پائال قەدەم تاشلىدى. 2018- يىلى 6- ئايدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى تۇنجى پەسىل خاراكتېرلىك خەلقئارا ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى − ئۈرۈمچى - ئىركۇتسك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى ھەم رەسمىي تىجارەت باشلىدى. 2019- يىلى 5- ئايدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچى - ۋۇخەن - سىنگاپور ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، شىنجاڭ، خۇبېيدىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سىنگاپورغا ساياھەت ھەم سودا ئىشلىرى ئۈچۈن بېرىپ - كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» سۈپەتلىك ماركا ئوبرازىنى چەت ئەللەرگە تاراتتى.

خەلقئارالىق تەرەققىياتقا يۈزلىنىش بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش يوللىرىنى ئېچىۋېتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا پائال يۈزلىنىپ ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلدى، ھازىر رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 30دىن كۆپرەك چەت ئەللىك ئايروپىلان باشلىقى بار.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى تەدرىجىي ھالدا شياڭگاڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى، ياپونىيە قاتارلىق خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشنى، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا قاتارلىق رايونلار خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشنى، رۇسىيە، تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇچىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.

نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىدە 800-B737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىن 15ى تىجارەت قىلىۋاتىدۇ، جەمئىي 30 شەھەردە 50كە يېقىن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى «شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە بىرلەشتۈرۈلگەن، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھاۋا بوشلۇقى كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى