تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاتقا مىنىپ مەكتەپكە بېرىشتىن شەھەرگە كىرىپ ئوقۇشقىچە

− جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپكە كىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ئاينۇر، شى چاۋ

بەش يىل ئىلگىرى، يەتتە ياشلىق گۈلئاشار جۈمە دادىسى بىلەن تاغ يولىدا ئون نەچچە سائەت مېڭىپ ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا بارغاندا، ناھىيە بازىرىدىكى دەرەخلەر ئۇنى ھەيران قالدۇرغانىدى: «بۇ نېمە؟» «بۇ دەرەخ». بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تاغ ئىچىدىن چىقىشى ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يۇرتىدىكى «ئات ئۈستىدىكى مەكتەپ» بىلەن خوشلىشىپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشنى باشلىدى.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش ناھىيەسى بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. قىرغىز مىللىتى يەرلىكتىكى بۇلۇڭكۆل يېزىسى، مۇجى يېزىسى، چارلۇڭ يېزىسى قاتارلىق تۆت تاغلىق رايون يېزا - بازىرىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تەبىئىي ئاپەت كۆپ يۈزبېرىدىغان، قاتناش ئەسلىھەلىرى بىرقەدەر قالاق بولغاچقا، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە ئوقۇتۇش شارائىتى ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ بىرى ئىدى.

گۈلئاشارنىڭ ئۆيى مۇجى يېزىسىنىڭ بۇلاق كەنتىدە، ئۇ تۇرۇشلۇق كەنت پامىر ئېگىزلىكىدىكى قەدىمىي ئېگىز ۋە تىك چوققا ئارىسىغا جايلاشقان، دەرەخلەر ناھايىتى تەستە ئەي بولىدۇ، يەرلىكتىكى چارۋىچىلار چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدۇ. ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە، نامراتلىق ۋە مائارىپتىكى ئارقىدا قېلىش پامىر ئېگىزلىكىنىڭ تاغ ئىچكىرىسىدىكى بالىلارنى مۇكەممەل بولغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرغان.

نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن قالغان، بالدۇرلا تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان ئاكا، ئاچىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، گۈلئاشار مەركەزلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇش «نۆۋەتچى پويىزى»غا ئۈلگۈردى، 1- يىللىقتىن باشلاپ، ناھىيە بازىرىدا ئوقۇدى، بۈگۈنكى كۈندە، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان، نەتىجىسى ئەلا بولغان گۈلئاشار رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئارزۇسى كېيىن «ئىچكىرى رايوندىكى ياخشى داشۆدە ئوقۇپ، چوڭ شەھەرلەردە قېلىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ دۇنيانى ئايلىنىش»تىن ئىبارەت.

دۆلەت ۋە شىنجاڭنىڭ مەبلەغ ۋە سىياسەت جەھەتتە مايىللىشىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2014- يىلى، ئاقتۇ ناھىيەسى تەدرىجىي ھالدا پامىر ئېگىزلىكىدىكى تۆت چەت، يىراق تاغلىق يېزا - بازارغا تارقالغان 63 ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ مەكتەپ قۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، ناھىيە بازىرىدا كىچىك ئاقتېرەك باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى. گۈلئاشارغا ئوخشاش، نۆۋەتتە، چەت، يىراق تاغلىق رايوندىن كەلگەن 3181 نەپەر دېھقان - چارۋىچى پەرزەنتى، كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانا، ئېلېكتىرونلۇق رويال دەرسخانىسى، كاۋچۇك ياتقۇزۇلغان يۈگۈرۈش يولى قاتارلىق زامانىۋى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تەل بولغان بۇ مەكتەپتە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ %70تىن كۆپرەكى چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇپ، يىل بويى تاغلىق رايوندا چېگرانى چارلاپ، چارۋا باقىدۇ.

37 ياشلىق ھەسەنئەلى ئوبۇلقاسىم 2014- يىلى بالىلارغا ئەگىشىپ بىرلىكتە تاغدىن چۈشۈپ، كىچىك ئاقتېرەك باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدى، ئۇنىڭ مۇخبىرلارغا دېيىشىچە، بۇلۇڭكۆل يېزىسىنىڭ چاقىراق كەنتى ئوقۇتۇش نۇقتىسىدا ئوقۇتقۇچى يېتىشمىگەچكە، بىرقانچە يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر دەرسخانىدا دەرس ئاڭلايدىكەن، ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى بىرقانچە سائەتلىك تاغ يولىنى بېسىپ مەكتەپكە كېلىدىكەن. قىش پەسلىدە قېلىن قار تاغ يولىنى ئېتىۋالسا، ياز پەسلىدە دائىم كەلكۈن كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىكەن. بەزىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى يۈدۈپ جىددىي ئېقىۋاتقان كەلكۈن سۈيىنى كېچىپ مەكتەپكە ئەكىلىدىكەن، ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەسەنئەلى ناھايىتى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى نۇرغۇن بالا يېرىم يولدا ئوقۇشتىن توختاپ، ئائىلىسىگە قايتىپ پادا باقاتتى ياكى ياتلىق بولاتتى، ئەۋلادمۇئەۋلاد نامراتلىق تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايتتى. ھازىر بالىلار تېخىمۇ كۆپ تاللاشقا ئىگە بولدى، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپنى قوبۇل قىلالايدىغان بولدى، بىلىم ئارقىلىق ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى».

كىچىك ئاقتېرەك مەكتىپى يېقىنقى يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپى تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ھالقىما شەكىلدە ئۆسكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنى سىياسەت ۋە مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى، «يېزىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى»، مەخسۇس تەربىيە ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىشى قاتارلىق بىر قاتار مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يەرلىكنىڭ «يۇمشاق، قاتتىق ماتېرىيال» دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىياتىغا «تىرەك» بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نەچچە مىليون ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پەقەت ئۆتكەن بىر يىلدىلا، شىنجاڭ جەمئىي 4 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» ۋە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 3 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىغان.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن «پايدا»نىڭ ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى تېز ئۆرلىدى. بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا قەدەر، جەنۇبىي شىنجاڭدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.89كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ساپ نىسبىتى %99.6كە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %98.6كە يەتتى.

مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، تۆۋەن كاپالەتلىك، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش - بېقىش بويىچە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلار، مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا «دەل جايىدا» مەبلەغ ياردىمى بېرىش ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش - يۆلەش ئارقىلىق، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «چۈشۈپ قالماسلىقى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە ئايرىم پىلانىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ «تېز سۈرئەتلىك يول»غا كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى