تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭچيۇغا مۇھەببەت جەم بولۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بايرامنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزدى

9- ئاينىڭ 13- كۈنى، كەنت ئاھالىسى مەمەتجان ئەركىن (ئوڭدىن 3- كىشى) بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسى يانئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى ئۆيىگە كېلىپ جۇڭچيۇ بايرىمىنى بىللە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)

بىپايان دېڭىزدا تولۇن ئاي كۆتۈرۈلدى، دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرمۇ بۇ ۋاقىتنى بىللە ئۆتكۈزدى. 9- ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار ھەمدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە جەم بولۇشتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

كۆڭۈللەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش

«ئائىلىمىز 14 مو ياڭاقلىق ۋە سەككىز مو شاللىقتىن مول ھوسۇل ئالدى، بۇنىڭغا باققان كالا ۋە قويلارنى قوشساق، بۇ يىل ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇنىڭ ئۈچۈن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!» دېدى 9- ئاينىڭ 13- كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتىدىكى 70 ياشلىق كەنت ئاھالىسى مونىياز توختى تۇغقىنى سۇ شىنغا.

جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى، ئۇلار يۆبىڭ قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، خېپەن كەنتىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، تۇغقانلىرىغا جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادەتلىرىنى سۆزلەپ بەردى، بۇ يىللىق ھوسۇل توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

كەنت ئاھالىلىرى تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن بەس - بەستە سۈرەتكە چۈشتى. «سۇ شىن ھەر قېتىم مەن بىلەن سۈرەتكە چۈشىدۇ» دېدى موللىنىياز توختى.

بىر پارچە سۈرەت نۇرغۇن ئەسلىمىنى خاتىرىلەيدۇ؛ بىر ئېغىز رەھمەت سۆزى ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتنى يەتكۈزىدۇ.

«رەھمەت سىلەرگە، جاپا تارتتىڭلار.» ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى سۇي باۋ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ئۈنلۈك رەھمەت ئېيتتى.

9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، نوم بازىرى ئىتتىپاق كەنتىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. كۆپچىلىك قىزغىنلىق بىلەن ھەمتۈرتكە ئويۇنى «مۇھەببەتنى ئۈنلۈك ئىپادىلەڭ»گە قاتناشتى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقانلىرى بىلەن ئۆزئارا تەسىراتىنى سۆزلەشتى، يۈرەك سۆزلىرىنى ئېيتىشتى.

سۇي باۋ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزدۇق، مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەنمۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى ئۈنلۈك ئىپادىلىدىم. بۇ قېتىمقى جۇڭچيۇ بايرىمى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتتى».

ئىتتىپاقلىق مېھرىنى ئورتاق ئىزھار قىلىش

تەكتە ساپاق - ساپاق ئۈزۈملەر ساڭگىلاپ تۇراتتى؛ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى ئۈستەللەرگە مېۋە - چېۋە، يۆبىڭ، پولۇلار تىزىلغانىدى. كۈلكە ساداسى ئىچىدە كىشىلەر بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ، بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شادىمان قىز» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل ساداسى ئىچىدە، «تىيانشان ئېتىكىدە . ئانارگۈل ئېچىلدى − ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدا جەم بولۇش ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ئىتتىپاق شەھەرنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق بەرپا قىلىش» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى تەۋەلىك رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.

تىيانشان رايونىدىكى كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلدى، ئەتراپتىكى مەھەللىلەردىكى ھەر مىللەت ئاممىمۇ ئۆزلۈكىدىن كېلىپ پائالىيەتكە قاتناشتى، 200دىن كۆپرەك ئادەم ئون نەچچە ئۇزۇن ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇردى.

ئۆزلىرى تەييارلىغان جەم بولۇش تورتى پائالىيەتنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىرلىكتە تۇتۇش قىلىپ، تورت ئۈستىگە «ئىتتىپاقلىق» «جەم بولۇش» قاتارلىق خەتلەرنى يازدى. قوشماقلاشقان تۇغقىنى ياڭ ئەيمىن بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان تورتنى كۆتۈرگەن راھىلە ناسىر ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ جەم بولۇش بايرىمى، ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە جۇڭچيۇ بايرىمى ئۆتكۈزسە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن، بىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىز مۇشۇ تورتقا ئوخشاش تاتلىق!»

9- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ بۇزاق يېزىسى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزدى، 400دىن ئارتۇق ياش ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى يېزىدىكى ئورگان، ھەرقايسى پونكىت - ئورۇنلاردىكى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن بىر يەرگە خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، بايرامنى ئورتاق تەبرىكلەپ، كەلگۈسى ھەققىدە ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىشتى.

«خوتەننىڭ تەرەققىياتى ھەر مىللەت مۇنەۋۋەر كادىرلاردىن ئايرىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، خوتەندىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراققا ياشلىقىنى بېغىشلىدى». خوتەن ناھىيەسى بۇزاق يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لۈ جېنپىڭ مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ بايرىمىدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشىمىز كۆپچىلىككە بايراملىق تىلەك تىلەش، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈندۇر».

قويۇق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پۇرىقى

9- ئاينىڭ 13- كۈنى سەھەردە، ماناس ناھىيەسى ماناس بازىرىنىڭ فېڭچېڭ مەھەللىسى پائالىيەت ئۆيىدە، ماناس ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنىڭ ماناس بازىرىنىڭ فېڭچېڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئاھالىلەرگە جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

ئارقىدىن، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر كىلاسسىك شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش جەريانىدا قويۇق بايرام كەيپىياتىنى ھېس قىلدى.

«جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەش» ھالقىسىدا، كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپىدا يۈزبەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاھالە روشەنگۈل ئابدۇكېرىم ناھايىتى خۇشال ئىدى، چۈنكى ئۇ تۇغقىنى بىلەن بىللە جۇڭچيۇ بايرىمى پائالىيىتىگە قاتناشقانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭچيۇ بايرىمى بىزنىڭ ئورتاق بايرىمىمىز، تۇغقانلار، دوستلار بىلەن بىللە جۇڭچيۇ بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈپ، ئويۇن ئويناش، يۆبىڭ يېيىش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن».

9- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل كوچىسى شياڭخې مەھەللىسىدىن سىياھ ھىدى تارالدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما خۇشال ھالدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، «قەلەم - سىياھ ئارقىلىق جۇڭچيۇنى كۈتۈۋېلىش . قوشنا - قولۇملار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

مەھەللە ئاھالىسى لو جۇڭكۈي چىرايلىق ھۆسنخەتلەرنى يېزىپ، كۆپچىلىككە تىلەك تىلىدى.

لو جۇڭكۈي يەنە ئاھالىلەرگە خەتتاتلىق بىلىملىرى ۋە خەت يېزىش ھالىتى قاتارلىقلارنى چۈشەندۈردى، ئاھالىلەر چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاچ بىر بىخۇا - بىر بىخۇادىن مەشىق قىلدى، بىر پيې - بىر نادىن مەشىق قىلىش جەريانىدا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى.

«جۇڭچيۇ بايرىمىدا بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بىرلىكتە ئېسىل يېمەكلىكلەرگە ئېغىز تېگىپ، بىرلىكتە خەت تېپىشمىقى تېپىپ، ئويۇن ئويناپ، بىرلىكتە خەتتاتلىقنى ئۆگەندۇق، كۆڭۈللۈك ئويناپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدۇق» ئاھالە ياڭ لەيپىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان جۇڭچيۇ بايرىمىلىق تىلەك سۆزىگە قاراپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات، گې يوۋجۈن، جاڭ جىلى، جاۋ يۆ، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى چېن لىڭ، جاۋ چۇڭلىڭ، ياڭ شىمىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى