تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تاۋلىنىش روھىي جەھەتتە پاكلىنىش  ئىستىل جەھەتتە چېنىقىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى پۇختا، ياخشى ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېينىڭ 9- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەممىسى مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچقان. مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا، نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ھاسىلات بولۇش، ئىدىيە - سىياسىي جەھەتتە تاۋلىنىش، ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىشتا مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇپ ئۈلگە بولۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۆتكە سېلىشتۇرۇش» «تۆتنى تېپىش» تەلىپى بويىچە، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتقان.

«...كەسىپكە ئەھمىيەت بېرىلدى، لېكىن پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك بولمىدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنىڭ شەكلى بىرقەدەر ئاددىي بولۇپ قالدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتىش زۆرۈر».

«خىزمەتتە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشتىن قورقۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، بەزىدە ۋەزىپە قوبۇل قىلغاندا قىيىنچىلىقنى تەكىتلەش كۆپرەك بولدى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش يېتەرلىك بولمىدى».

...

مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ ئىگىلەپ، دىققەتنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش جاسارىتى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، تەنقىد ۋە ئۆز - ئۆزىنى تەنقىد قىلىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، كەمچىلىكنى ئېچىپ، ئەيىبنى ئاشكارىلاپ، يۈزىنى قىزارتىپ تەرلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەش مەقسىتىگە يەتتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىشنى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى بىر قېتىملىق سىياسىي جەھەتتىن بەدەن تەكشۈرتۈش قىلدى. مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى يۇقىرى سۈپەتتە، يېڭى كەيپىياتتا ئېچىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىغىندىن بۇرۇن ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي لىنىيەنى، باش تېمىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، سىردىشىش، سۆزلىشىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە تەتبىقلاپ، خىزمەتكە تەتبىقلاپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتكە تەتبىقلاپ، كۆپ خىل شەكىلدە پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ۋە ئاممىدىن پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەشۋىقات بۆلۈمى، ئۇچۇر مەركىزى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ ۋېيجۈننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياچېيكىمىز ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۈزىتىش لايىھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا كونكرېت ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى 9- قاراپ چىقىش، تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە خادىمى خۇا جيې مۇنداق دېدى: «ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن باشقىلاردىن قىلىشنى تەلەپ قىلغاننى ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قىلىشىمىز كېرەك؛ باشقىلاردىن قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغاننى ئۆزىمىز قەتئىي قىلماسلىقىمىز، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە كادىرلىرىنىڭ سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشىمىز كېرەك».

ئاپتونوم رايوننىڭ 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە قاتناشقان ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىدا بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، پەرقلەرنى تېپىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» تەلىپى بويىچە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، كەسىپ ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى