تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تاغ جىلغىسىدىكى ئەڭ گۈزەل چارۋىچىلىق تېخنىكى

− ماناس ناھىيەلىك ھايۋانات كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ كېڭەيتكۈچى تەتقىقاتچىسى يىن چىباۋ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرى شۈ ۋەنلى

بىر ئاساسىي قاتلام چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئېرىشكەن شان - شەرەپنى «ئالتۇندەك چاقناپ تۇرىدىغان شەرەپ» دېيىشكە بولىدۇ: مەملىكەت بويىچە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مول ھوسۇل تۆھپە مۇكاپاتى، دۆلەت پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش باشلامچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس قاتارلىقلار. بۇ شان - شەرەپلەرنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىڭ چارۋىچىلىق رايونىدا 37 يىل يىلتىز تارتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرغانلىقى بار. ئۇ دەل يىن چىباۋ بولۇپ، ماناس ناھىيەلىك ھايۋانات كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ كېڭەيتكۈچى تەتقىقاتچىسى، «جۇڭما سافۇك قويى»نىڭ ئاساسلىق كۆندۈرۈپ يېتىشتۈرگۈچىسى.

 پېشقەدەملەرگە ئەگىشىپ قەيسەرلىكنى ئۆگىنىش

«بۇ مەزگىلدە تاغلىق رايوندا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ئوت - چۆپلەردە شەبنەم كۆپ بولىدۇ، شەبنەم قۇرۇغاندىن كېيىن ئاندىن چارۋا بېقىپ، سافۇك قويىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.» 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ماناس ناھىيەسى شىنئاۋ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانىغا جايلاشقان نەسىللىك قوي يېتىشتۈرۈش بازىسىدا، يىن چىباۋ بىر تەرەپتىن، قويلارنىڭ بەدىنىدىكى ئالامەتلەرنى تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن، باقمىچىلارغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلاۋاتاتتى.

1982- يىلى چارۋىچىلىق رايونىدا خىزمەت قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، يىن چىباۋ ئىزچىل چارۋىچىلىق رايونىدا تۇرۇپ، زېھنىنى چارۋىچىلىق ئىشلىرىغا بېغىشلىدى. «ئەلا نەسىللىك سافۇك گۆش قويىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالىغانلىقىمدىن ھەم بەخت ھېس قىلدىم، ھەم رازى بولدۇم» دېدى ئۇ.

1982- يىلى، 20 ياشتىن ئەمدىلا ئاشقان يىن چىباۋ شىخەنزە يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنى (ھازىر شىخەنزە داشۆسىگە قوشۇۋېتىلدى)نىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ماناس ناھىيەسىدىكى ئەڭ چەت، يىراق نەنسەن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ چارۋىچىلىق - مال دوختۇرلۇق پونكىتىغا تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ ناھىيە بازىرىدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاغلىق رايوندىكى نەسىللەندۈرۈش پونكىتىغا نۇقتىدا تۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ، پېشقەدەم چارۋىچىلىق تېخنىكلىرى بىلەن بىللە قوينى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى، ئۇ بۇ يەردە شۇ تۇرغانچە ئىككى ئاي تۇردى.

كۈندۈزى يىن چىباۋ پېشقەدەم چارۋىچىلىق تېخنىكلىرىغا ئەگىشىپ تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ قويلارنى نەسىللەندۈرەتتى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالاتتى ۋە داۋالايتتى؛ كەچلىرى كىرسىن چىراغنىڭ يورۇقىدا ماتېرىياللارنى رەتلەيتتى.

«پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ يىلمۇيىل تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ نەسىللەندۈرۈش، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلەن بىر ئۆمۈر شۇغۇللانغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى، يەرلىك چارۋىچىلار بىزگە موھتاج، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بۇ يەردە قېلىپ ئۇزاق مۇددەت ئىشلىشىمدىكى سەۋەب» دېدى يىن چىباۋ.

 تاغ جىلغىسىدا يىلتىز تارتىپ «سافۇك» قويى يېتىشتۈرۈش

1989- يىلى 12- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ئاۋسترالىيەدىن 271 تۇياق سافۇك گۆش قويى نەسلىنى كىرگۈزدى. شۇ يىلى، سافۇك نەسىللىك گۆش قويى بازىسى ماناس ناھىيەسىنىڭ نەنسەن چارۋىچىلىق مەيدانىدا قۇرۇلدى ھەم يىن چىباۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپەيتىشكە تاپشۇرۇلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، يىن چىباۋ خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ، ئەتىيازلىق، يازلىق يايلاقلاردا يۈرۈپ، قامچىسىنى شۇ پۇلاڭلاتقىنىچە 25 يىلنى ئۆتكۈزدى.

«يايلاق كۆچكەندە، بەزىدە 60-50 كىلومېتىر تاغ يولىدا پىيادە ماڭاتتۇق، بەزىدە ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمەي ئاچ قالاتتۇق، قانچە جۈپ ئايىغىمنىڭ ئۇپراپ يىرتىلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن» دېدى يىن چىباۋ ئەسلەپ.

سافۇك گۆش قويى كىرگۈزۈلگەن تۇنجى يىلى، نەسىللىك قويلارنىڭ بەزىلىرى كېسەل بىلەن يۇقۇملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۇياق نەسىللىك قوي ئۆلدى. ماناس ناھىيەسى باۋمۇفېڭ چارۋا - ئۆي قۇشلىرى يۇقۇملۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكا مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىمى ۋاڭ شيەندې ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى چاغدا قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، كۆپچىلىك ئادەم بىلەن چارۋىنىڭ گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشىدىن قورقۇپ، ھېچكىم يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوكۇلىنى ئۇرۇشنى خالىمىدى، يىن مۇئەللىم باشلامچىلىق بىلەن سىناق قىلغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئاندىن قول سېلىپ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا باشلىدى».

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئەمدىلا ھەل قىلىنىشىغا، قوينىڭ كۆپىيىشىدە مەسىلە كۆرۈلدى. سافۇك گۆش قويى شۇ جاينىڭ مۇھىتىغا ماسلىشالمىغانلىقتىن، بەزى قويلاردا تۆللەش مەزگىلى قالايمىقانلىشىش، ھەتتا تۆللىمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇ قىيىن مەسىلە ئالدىدا يىن چىباۋ فىزىكىلىق، دورا ئارقىلىق قايتا - قايتا سىناق قىلىپ، ئەڭ ئاخىر سافۇك گۆش قويىنى «ئىككى يىلدا ئۈچ قېتىم تۆللىتىش» يۇقىرى چاستوتىلىق كۆپەيتىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

1992- يىلى يىن چىباۋ شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىردى.

 «سافۇك» قويىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرۈش

ماناس ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونىدا تۆت پەسىلنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، پەسىل ئالماشقاندا چارۋىلاردا كېسەل كۆپ كۆرۈلىدۇ. ھەر قېتىم پەسىل ئالماشقاندا، يىن چىباۋ نەچچە كۈندە بىر دورا ساندۇقىنى يۈدۈپ، چارۋىچىلىق رايونىغا بېرىپ، چارۋىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئالامەتلەرنى تەكشۈرىدۇ، يەرلىك چارۋىچىلار ئۇنى ئەڭ ئىشەنچلىك «يالاڭ ئاياغ چارۋىچىلىق تېخنىكى» دەيدۇ. ماناس شىنئاۋ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكىغا مەسئۇل فېرما باشلىقى جاۋ يۆچاڭ مۇنداق دېدى: «نەسىللىك قوي فېرمىسىنىڭ نەسىل يېتىشتۈرۈش پىلانى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يىن چىباۋ بىزگە تۈزۈپ بەرگەن، ئېھتىياجىمىز بولسىلا، تېلېفون بەرسەكلا ئۇ كېلىدۇ».

2003- يىلى 4- ئايدا، خوتۇنى ۋاڭ لەننىڭ بۇرۇن - يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى، كېسەلگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كۈنى، يىن چىباۋ «قوي قوشۇنى»نى باشلاپ پىيادە يايلاق كۆچۈۋاتاتتى. دىياگنوز قويۇلغاندىن تارتىپ 2008- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر، ھەر قېتىم خوتۇنى دوختۇرخانىدا يېتىپ ئېرىنىڭ ھەمراھ بولۇشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا، يىن چىباۋ ھەمىشە سافۇك نەسىللىك قويىنى كۆپەيتىش بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش يۈردى.

كۆپ يىللىق يەرلىكتە كۆندۈرۈپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق سافۇك گۆش قويى ماناس ناھىيەسى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ گۆش قويى كەسپىدىكى يېتەكچى نەسىلگە ئايلاندى، ماناس ناھىيەسىمۇ سافۇك گۆش قويىنىڭ «بىرىنچى دەرىجىلىكىنى ساپ كۆپەيتىش، ئىككىنچى دەرىجىلىكىنى كېڭەيتىپ كۆپەيتىش، ئۈچىنچى دەرىجىلىكىدىن شالغۇتلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش»تىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بەرپا قىلدى. 2013- يىلى، ماناس «جۇڭگو سافۇك قويى يۇرتى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلدى ھەم «جۇڭما سافۇك قويى» ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە ماناس سافۇك قويى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشنى تاماملىدى. بۈگۈنكى كۈندە ماناس ناھىيەسى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ سافۇك نەسىللىك گۆش قويى بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سافۇك نەسىللىك قويىدىن 8000 تۇياقتىن كۆپرەكنى كېڭەيتتى.

«ئۆزۈم يېتىشتۈرگەن ئەلا سۈپەتلىك گۆش قويى نەسلىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن كېڭەيتىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىتقانلىقىنى كۆرۈش ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىش» دېدى يىن چىباۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى