تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن. قەھرىمانلار، قۇربانلار شەجەرىسى

جوۋ شىدى: پىرولېتارىياتنىڭ تەۋرەنمەس ئىنقىلابىي قوماندانى

جوۋ شىدىنىڭ سۈرىتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەيكوۋ، 8- ئاينىڭ 30- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاۋ يېپىڭ) جوۋ شىدى جياڭجۈن خاتىرە سارىيى ئۇنىڭ يۇرتى چيۇڭخەي شەھىرىدىكى كوكۇسزارلىقتا جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بولغان بۇ يەر دائىم پۈتۈن ئۆلكىدىكى ھەرقايسى رايونلاردىن كەلگەن ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى كۈتۈۋالىدۇ. ئىككى كۆرگەزمە زالىدىكى مول ماتېرىيال ۋە سۈرەتلەردە جياڭجۈننىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قاتناشقان ھەر قېتىملىق جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشلىرىدىكى شانلىق نەتىجىلىرى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

جوۋ شىدى، 1900- يىلى 9- ئايدا خەينەن ئۆلكىسىنىڭ لېخۇي ناھىيەسى (بۈگۈنكى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ چيۇڭخەي شەھىرى)نىڭ شىنچاڭ كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، يەتتە يېشىدا كەنتىدىكى خۇسۇسىي مەكتەپكە كىرگەن، 11 يېشىدا لېخۇي ناھىيەلىك ئالىي باشلانغۇچ مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، 14 يېشىدا چيۇڭيا ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. ئۇ ياشلىق چاغلىرىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان. 1919- يىلى 4- ماي ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، چيۇڭيا ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق يەتتە مەكتەپتە چيۇڭيا 13 تەۋەلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، جوۋ شىدى ئىش بېجىرگۈچىلىككە سايلىنىپ، ۋاڭ ۋېنمىڭ، ياڭ شەنجى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى رەھبەرلىرى بىلەن بىللە چيۇڭيا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، رەھبەرلىك قىلغان.

1923- يىلى ئەتىيازدا، جوۋ شىدى گۇاڭجوۋغا بېرىپ، كوممۇنىست شۈ چېڭجاڭ بىلەن تونۇشقان ھەم شۈ چېڭجاڭ قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان چيۇڭيا ئوبزورچىلار جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. 1924- يىلى خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ 1- قارارلىق سىنىپىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن، شۇ يىلى 11- ئايدا مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، سۇن جۇڭشەننىڭ جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇش قۇرۇقلۇق - دېڭىز ئارمىيەسى دايۈەنشۇەي مەھكىمىسى بىرونېۋىك ئەترىتىنى تەشكىللەشكە قاتنىشىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پىراكتىكانت كوماندىر، مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى، ئەترەت باشلىقى بولغان، گۇاڭنىڭ دېھقانلار ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش، سودىگەرلەر قوراللىق تەشكىلاتى ۋە مىلىتارىستلار توپىلىڭىنى تىنچىتىش، گۇاڭجوۋ - شياڭگاڭ چوڭ ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش، گۇاڭدۇڭ ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتىنى قوغداش قاتارلىق كۈرەشلەرگە قاتنىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گۇاڭدۇڭ - گۇاڭشى رايونلۇق كومىتېتىنىڭ يۈكسەك تەرىپلىشىگە سازاۋەر بولغان. 1924- يىلى 12- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

1925- يىلى 11- ئايدا، جوۋ ئېنلەي بىرونېۋىك ئەترىتى كوماندىر - جەڭچىلىرىنى ئاساس قىلىپ، جاۋچىڭدا خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسىنىڭ 4- جۈن مۇستەقىل تۇەنىنى تەشكىللىگەندە، جوۋ شىدى 1- يىڭنىڭ يىڭجاڭى بولغان، كېيىن بۇ تۇەننىڭ سەنمۇجاڭى، مۇۋەققەت تۇەنجاڭى، تۇەنجاڭى بولۇپ، شىمالغا جازا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، يې تىڭ بىلەن بىللە تىڭسىچياۋ، خېشېڭچياۋ قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلىپ، شىمالغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى ئارمىيەنىڭ مىلىتارىست ۋۇ پېيفۇنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلگەن قالدۇق قىسىملىرىنى خۇنەن، خۇبېيدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇشىدا ئاجايىپ تۆھپە كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قوشۇنى قاتتىق جەڭلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۆپ قېتىم ئاجايىپ تۆھپە يارىتىپ، «پولات ئارمىيە» دەپ ئاتالغان، كېيىن خەلق ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 25- شىسى 73- تۇەنىگە ئۆزگەرتىلگەن، جوۋ شىدى تۇەنجاڭ بولغان.

1927- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى سەھەردە، جوۋ شىدى گومىنداڭ ئارمىيەسى 25- شىسىنىڭ شىجاڭى لى خەنخۈننىڭ جاڭ فاكۇيگە ئەگىشىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۈشمەن ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە، 73- تۇەننى باشلاپ نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن 11- جۈن 25- شىسىنىڭ شىجاڭى بولغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ گۇاڭدۇڭدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ شياڭگاڭ، نەنجىڭ، شاڭخەي، شىئەن، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈرۈپ، جياڭ جيېشىنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى پىلانلاشقا قاتناشقان. 1933- يىلى، جوۋ شىدى فۇجيەندىكى 19- ئارمىيە تۇرۇشلۇق ئورۇنغا بېرىپ سەي تىڭكەيگە قىزىل ئارمىيە بىلەن ئالاقىلىشىش، جياڭ جيېشىغا، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن ھەم بۇيرۇق تاپشۇرۇۋېلىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى چېگراسىغا بېرىپ پەن خەننيەن، جاڭ يۈنيى قاتارلىقلارنى باشلاپ فۇجوۋغا بېرىپ 19- ئارمىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، جوۋ شىدى 8- ئارمىيە 120- شىسىنىڭ سەنمۇجاڭى بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ داڭلىق چېنجۇاڭ ئۇرۇشى ۋە خۇاڭتۇلىڭ ئۇرۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. 1940- يىلى كۈزدە، جوۋ شىدى ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ قېتىملىق «تازىلاش»ىنى تارمار قىلغان، كەينىدىنلا 100 تۇەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1942- يىلى 10- ئايدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ «دۈشمەننى سىقىپ چىقىرىش» يوليورۇقىغا ئاساسەن، جوۋ شىدى قوراللىق خىزمەت ئەترىتى تەشكىللەشنى ئوتتۇرىغا قويغان، قوراللىق خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قىسىم ۋە ئاممىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، دۈشمەن تايانچ پونكىتىدىن 140تىن كۆپرەكنى سىقىپ چىقىرىپ، ياپونىيە قورچاق ھاكىمىيىتىدىن 800دىن كۆپرەكنى تارمار قىلىپ، 3000دىن ئارتۇق كەنتنى قايتۇرۇۋالغان.

ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جوۋ شىدى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىمالىي شەنشى دالا ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى، قوشۇمچە جېڭجىۋېييۈەنى، شىمالىي جۇڭگو ھەربىي رايونى 1- بىڭتۇەنىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى، قوشۇمچە مۇئاۋىن جېڭجىۋېييۈەنى، 18- بىڭتۇەننىڭ سىلىڭيۈەنى، قوشۇمچە جېڭجىۋېييۈەنى بولۇپ، شۈ شياڭچيەننىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ، شىمالىي شەنشى، ئوتتۇرا شەنشى، تەييۈەن، فۇمېي، غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇبقا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، جوۋ شىدى غەربىي جەنۇب ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن سىلىڭيۈەنى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھاۋا مۇداپىئە قىسمىنىڭ سىلىڭيۈەنى، مەشىق باش نازارەت بۇسىنىڭ مۇئاۋىن بۇجاڭى، قوشۇمچە ھەربىيدىن باشقىلارنى مەشىقلەندۈرۈش بۇسىنىڭ بۇجاڭى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن، 1955- يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن، 1959- يىلىدىن كېيىن كېسەل سەۋەبىدىن ئەمەلىي ۋەزىپىدىكى خىزمەت ئۆتىمىگەن، 1979- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن بېيجىڭدا ۋاپات بولغان.

چيۇڭخەي شەھەرلىك پارتىيە تارىخى ئىشخانىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان مۇدىرى شۈ دېچاڭ مۇنداق دېدى: جوۋ شىدى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەشھۇر يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر قېتىملىق جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ماۋ زېدۇڭ ئىلگىرى ئۇنى پىرولېتارىياتلىق، كوممۇنىزملىق قەتئىيلىككە ئىگە دەپ ماختىغانىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى