تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىزچىل ئىستىل توغرىلىنىپ، ئىنتىزام چىڭىتىلدى

ئاپتونوم رايونىمىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردى

ئىزچىل ئىستىل توغرىلىنىپ، ئىنتىزام چىڭىتىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارىلىدى. مۇھىم بايراملاردا، تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش نورمال ھالەتكە ئايلاندى.

«ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار، ئورۇنلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، «تۆت خاھىش»نى بوشاشماي تۈزىتىپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش، بېرىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى سەپلەپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سالماقنى ئاشۇرۇپ ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

«بىز <تۆت خاھىش> مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى كەينىگە سۆرىگەن يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنى سۆھبەتكە چاقىرتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، <تۆت خاھىش>نىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى تۈپتىن يوقاتتۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى - ھۆكۈمەت ئىستىلى نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رېن گۇاڭپېڭ.

پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەت قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەسىلە يىپ ئۇچىنى بايقاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈردى. تەكشۈرۈش، تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش ياكى لىنىيەنى ئۆزگەرتىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش، تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەر بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پاراۋانلىق ياكى قوشۇمچە پۇل، ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش قاتارلىق يوشۇرۇن، ئۆزگىرىشچان «تۆت خاھىش» مەسىلىلىرىگە قارىتا، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن جەمئىي 774نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، 839 ئادەمنى بىر تەرەپ قىلدى، 661 ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بەردى.

«دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كادىرلار ئىستىلى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇش، چوڭقۇر قېزىپ قاتتىق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى ئىپادىلەرگە، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ <تۆت خاھىش> پەيدا قىلىش مەسىلىلىرىگە قارىتا، بىز ھوشىنى تاپقۇزۇش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلار ئىستىلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدۇق» دېدى رېن گۇاڭپېڭ.

باش تېما تەربىيەسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئادا قىلدى ھەم داڭلىق تور بېكەتلىرىدە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىش، يىغىن، تەربىيەلىنىشكە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى 31 تۈرلۈك ئالاقىدار خىزمەت تەلىپىنى ھەم ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىشتىكى توققۇز سەلبىي تىزىملىكنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندروپكىغا، ساياھەتكە چىقىش جەھەتتىكى تۈزۈم، بەلگىلىمىلەرنى تولۇقلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن چىقىم قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى»نى زور كۈچ بىلەن تىزگىنلىدى ۋە كېمەيتتى، 2019- يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىراجىتى» خامچوت لايىھەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.97 ئازايدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆججەت ۋە يىغىنلارنى زور كۈچ بىلەن ئىخچاملىدى، قىسقارتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى يىغىن - پائالىيەت باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋۇ جېڭشى مۇنداق دېدى: «يىغىن - پائالىيەت پىلانى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئۆلچەم، كۆلەم، ئەمەلىي ئۈنۈم، يىغىن ئىنتىزامى - يىغىن كەيپىياتىدىن ئىبارەت ئالتە ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلەش ئارقىلىق يىغىن - پائالىيەتلەرنىڭ سانى، كۆلىمى قاتارلىقلار قاتتىق كونترول قىلىنىپ، قەتئىي تۈردە ئاز يىغىن ئېچىش، قىسقا يىغىن ئېچىش، ئەسقاتىدىغان يىغىن ئېچىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى