تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى - قالدۇردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى تەيىنلىدى - قالدۇردى:

بىرىنچى، لى خۇينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

جاڭ خەنخۇينى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئىككىنچى، جاڭ زونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باڭلادېش خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

لى جىمىڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باڭلادېش خەلق جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

ئۈچىنچى، سۈن شياڭخۇانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لېسوتو پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛

لېي كېجۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لېسوتو پادىشاھلىقىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.