تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ خۇەن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەم مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ خې يىچېڭنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، سىز ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاۋمېن جەمئىيىتىگە قىزغىن مۇلازىمەت قىلدىڭىز، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئاۋمېن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ رەئىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ھۆكۈمەت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتىڭىز. مەركەز بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ قېتىمقى باش مەمۇر سايلىمىدا، سىزنىڭ يۇقىرى بېلەت بىلەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىشىڭىز، يۇقىرى بېلەت بىلەن سايلانغانلىقىڭىز ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ سىزنى كەڭ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى. 20 يىلدىن بۇيان، خې خوۋخۇا، سۈي شىئەن ئىككى باش مەمۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈشتىن ئىبارەت يادرولۇق قىممەت قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ تېز ئېشىشى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى، ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا ئاۋمېنغا خاس «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلدى. ئەمەلىيەت «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ پۈتۈنلەي يولغا قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى، قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر قەلبىگە ياقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!

شى جىنپىڭ خې يىچېڭنىڭ چوڭ ۋەزىيەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئاۋمېننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ماسلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزگىرىش ياساپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاۋمېننىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل پىلانلاپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى!

خې يىچېڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننىڭ نوپۇزىنى ياخشى قوغداپ، مەركەز بىلەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداپ، مەركەزنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئاۋمېندىكى ئەمەلىيىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىرادە باغلىدى.

خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.