تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

[سەلتەنەتلىك 70 يىل، كۈرەشچان يېڭى دەۋر] شىنجاڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بەي جىيۈ، ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 4- كۈنى، مۇخبىرلار «مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەييار ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق نېفىت نېفىتلىكى» دەپ ئاتىلىدىغان جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى فېڭچېڭ نېفىتلىكىنىڭ مەشغۇلات رايونىدا، بىرقانچە كاچالكىنىڭ تەرتىپلىك ھالدا قۇدۇق ئاستىدىكى سۇيۇقلۇقنى ئېلىۋاتقانلىقىنى ھەم يەر يۈزىدىكى نېفىت يىغىش تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق 1- نومۇرلۇق قويۇق نېفىتنى بىرلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى. «نېفىت ئېلىش پونكىتى كۈندە 3200 توننا قويۇق نېفىتنى بىرتەرەپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ قويۇق نېفىت يىغىندى مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەلا سۈپەتلىك سىكلوئالكىل قويۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىلدى» دېدى مەشغۇلات رايونى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جوۋ گۇاڭخۇا پەخىرلەنگەن ھالدا.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشنى يۆنىلىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك تارقىتىش بازىسى، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق چوڭ يولى ۋە ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر تۈركۈم «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش»، زامانىۋى كۆمۈر - خىمىيە سانائىتى قاتارلىق مۇھىم، زور قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز سەرخىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تەمىنات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

ئاپتونوم رايونىمىز شەرقىي جۇڭغار چوڭ قۇدۇق كان رايونى جەنۇبىي ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانى، شەرقىي جۇڭغار شىخېيشەن كان رايونى جياڭجۈن چۆلى 2- نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانى، قومۇل بوغاز كان رايونى 1 - نومۇردىن ئىبارەت 10 مىليون توننا دەرىجىلىك ئۈچ ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى كۆمۈر كاننى قۇرۇپ چىقتى. «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 1- يولى قومۇلنىڭ جەنۇبى - جېڭجوۋ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، 2- يولى شەرقىي جۇڭغار - خۇادۇڭ(جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يانداش سىرتقا يەتكۈزۈش توك مەنبەسى ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. چىڭخۇا ئىلى 1- قارارلىق يىلىغا 1 مىليارد 375 مىليون كۇب مېتىر كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئىشلەش، ئىلى شىنتيەن يىلىغا 2 مىليارد كۇب مېتىر كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئىشلەش قاتارلىق زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭغار، تارىم، تۇرپان - قومۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ نېفىت، گاز ئويمانلىقىدىكى بايلىق مەنبەسىنى چارلاش ۋە ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، ماخۇ نېفىتلىكى، جىمىسار زىچ نېفىتلىكى، شۈنبېي نېفىتلىكى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى نېفىتلىك - گازلىقلاردا يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى 60 مىليون توننا نېفىت، گاز ئېكۋىۋالېنتىغا يېتىدىكەن. مايتاغ، ئۈرۈمچى، قاراماي، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم دەرياسى نېفىت خىمىيەسى قاتارلىق 10 مىليون توننا دەرىجىلىك ئالاھىدە چوڭ تىپتىكى نېفىت ئايرىش ۋە خىمىيە سانائىتى بىر گەۋدىلەشكەن بازا شەكىللەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خام نېفىتنى بىر قېتىمدا پىششىقلاش ئىقتىدارى 29 مىليون 500 مىڭ توننىغا يېتىدىكەن.

يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. قومۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى شامال رايونىدىكى 1- قارارلىق شامال ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ فوتوۋولت توك تارقىتىش بازىسى قاتارلىق مۇھىم، زور يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇپ چىقىلدى، 2019- يىلى 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 36 مىليون 422 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %41.1ىنى ئىگىلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېنېرگىيە باشقارمىسىدىكى ئالاقىدار خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئېنېرگىيە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيەنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوزغاتتى. بىر تۈركۈم پۇقراۋى كارخانىلار ۋە نېفىتچىلىك بىلەن شۇغۇللانمايدىغان دۆلەت كارخانىلىرى يۇقىرى ئېقىندىكى چارلاش، ئېچىش بازىرىغا كىرىپ، 21 نېفىت، نېفىت خىمىيە تۈرى، 49 نېفىتكە ئالاقىدار مۇلازىمەت كارخانىسى بىلەن شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشىپ، تەۋە جايدا ئەنگە ئالدۇرۇشنى تاماملىدى، شىنجاڭنىڭ نېفىت، گاز سودا مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى