تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرى دەم ئېلىش مەزگىلىدە كېلىپ تاماشا قىلىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى ( مۇخبىرىمىز لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ لى خەۋىرى): ئالتۇن كۈزدە مېۋە– چېۋىلەرنىڭ خۇشپۇرىقى ئەتراپقا تارقىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش قىزغىنلىقىنى قوزغايدۇ، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا نەگە بارىمىز؟ ئونسۇ تۆمۈر چوققىسى جىلغىسى، ئۇچتۇرپان جىغانلىق سۇلۇق يەر باغچىسى، توقسۇ قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى... شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرى سىزنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدە كېلىپ تاماشا قىلىشىڭىزنى ساقلاۋاتىدۇ.

  قۇملۇقتىكى ئىلەڭگۈچ، قۇملۇقتىكى لىڭگىرتاقتاق، قوش تورنىكقا يامىشىش، توردىكى مودا كۆۋرۈك . . . جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، توقسۇ قۇملۇقتىكى گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى «يۆبىڭنىڭ <تەمى> سىز ئۈچۈن» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ، پەقەت بۇ مەنزىرە رايونىدىكى توردا مودا بولۇۋاتقان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىنىڭ خالىغان بىرىگە قاتناشسىڭىز، يۆبىڭ كاتتا سوۋغىتىغا ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. ئۈزۈش باغچىسىدا چىلان، ياڭاق، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەر ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، دەل پىشىش مەزگىلى، ساياھەتچىلەر ئۆز قولى بىلەن بۇ مېۋە-چېۋىلەرنى ئۈزۈپ تېتىپ باقسا بولىدۇ. بۇ يەردە، ئاپتوموبىل توختىتىش قىيىن بولۇشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى مەنزىرە رايونىدىكى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا بىرلا ۋاقىتتا 1100 ئاپتوموبىل توختىيالايدۇ.

  ئەگەر سىز يۆبىڭ يېگەچ، مىللىيچە ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلانماقچى بولسىڭىز، ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان قەبىلىسىگە بېرىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. 9- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، بۇ مەنزىرە رايونىدا «دولانلىقلار بىلەن جۇڭچيۇ بايرىمىدا بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ توغراقلىقتا گۆھەر ئىزدەش، جۇڭچيۇ بايرىمى مىللىي ئۇسسۇل مۇسابىقىسى، قىسقا فىلىم سىنغا تارتىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقانلار يۇقىرى سوممىلىق نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە يۆبىڭ مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشەلەيدۇ. مەنزىرە رايونىدىكى ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئۆز قولى بىلەن ئۈزۈم ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ، دولان ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، دولان مەدەنىيىتىنى چۈشىنەلەيدۇ، 270 خىل ئىسسىق بەلباغ يېشىل ئۆسۈملۈكلىرىدىنمۇ نەق مەيداندا ھۇزۇرلىنالايدۇ، يەنە ئېسىل تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، گۈلخان كېچىلىكىگە قاتنىشالايدۇ.

  كۈزنىڭ ساپ ھاۋاسىدا كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، توقسۇ تيەنلەي جايى مەنزىرە رايونى، كۇچا چوڭ نان شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئايلىنىشمۇ ياخشى تاللىشىڭىز ھېسابلىنىدۇ. سىز يەنە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئېلىپ ئاقسۇ شەھىرى دولان دەرياسى مەنزىرە رايونىغا بېرىپ «چېگرادىكى بوستانلىق» مەنزىرىسىنى تاماشا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاقسۇ دۆلەتلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا سەيلە قىلىش، مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئالدىن تاللىشىڭىزغا ئەرزىيىدىغان ئەڭ ياخشى جايدۇر.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى كەڭ ساياھەتچىلەرگە مەدەنىي ساياھەت قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار ئەتىقىلەرنى قوغداپ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ئاسراپ، ئاممىۋى تەرتىپىگە رىئايە قىلىشىنى ئاگاھلاندۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى