تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم مەنزىرە رايونلىرى بايراملىق ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ۋاڭ جىڭجىڭ، پراكتىكانت قەدىرىيە ئەمەر خەۋەر قىلىدۇ) دىيامېتىرى 1.8 مېتىر كېلىدىغان ئاي توقاچنى ھەقسىز يېيىش، ئومۇمىي خەلق چوڭ قازان قىسقۇچپاقا زىياپىتى قاتارلىقلارنى كېلىپ تېتىپ بېقىڭ، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، تۇغۇلغان ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بولغان، ئىسىم- فامىلىسىدە «گوچىڭ»، «جيەنگو» دېگەن خەت بولغان ساياھەتچىلەر كۈچكە ئىگە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئاساسەن ھەقسىز كىرىش بېلىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ...

  9- ئاينىڭ 11- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى 100دىن ئارتۇق مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە ئېتىبار بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىكەن.

  جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسىغا بارسا، ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسىنى كۆرسەتسە ھەقسىز كىرەلەيدۇ، ساياھەتچىلەرگە ئايتوقاچ سوۋغا قىلىنىدۇ، مەنزىرە رايونى يەنە كېچىلىك ساياھەت تۈرىنى يولغا قويغان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئاينى تاماشا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

  باغراش ناھىيەسىدە، داخېكوۋ مەنزىرە رايونىغا بارسا، ساياھەتچىلەر باغراش كۆلى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنى قوشۇۋالسىلا، %80 ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە بېلەت سېتىۋالغان ئالدىنقى 1000 ساياھەتچىگە بىر تال ئاي توقاچ سوۋغا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭچيۇ بايرىمى مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ساھىلغا ھەقسىز كىرىپ، ئومۇمىي خەلق چوڭ قازان قىسقۇچپاقا زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، جۇڭچيۇ بايرىمى كۈنى، ساياھەتچىلەر جامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا دىيامېتىرى 1.8 مېتىر كېلىدىغان ئاي توقاچنى تېتىپ باقسا بولىدىكەن، يەنە بۇغداي غولى سىرلىق ئوردىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، ماھىر ئويۇنچىلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى كۈتىدىكەن.

  بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە (10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە)، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى مەنزىرە رايونلىرى تۇغۇلغان ۋاقتى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بولغان، ئىسىم-فامىلىسىدە «گوچىڭ»، «جيەنگو» دېگەن خەت بولغان ساياھەتچىلەرگە بېلەت كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ.

  جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنە نۇرغۇن ساياھەت بايرىمىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەسىلەن، ماناس ناھىيەسىدە 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو (ماناس) زۇمرەت مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مورى ناھىيەسىدە دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە تىيانشان گۈل دېڭىزى تۇنجى نۆۋەتلىك يېزا ئىگىلىك جيانيەنخۇا يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سەنئەت ئۆمەكلىرى قاتارلىق ئويۇن قويۇش ئورۇنلىرى يەنە سەنئەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا-بازار، كەنتلەرگە بېرىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇنى قويىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى