تىيانشان مايتاغ- كۇچا تاشيولى 1983- يىلى 9- ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3700 مېتىر كېلىدىغان تېرىمەت داۋىنى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3390 مېتىر كېلىدىغان خاشىلگىن داۋان تونېلى قاتارلىق يىل بويى قار- مۇز يىغىلىپ تۇرىدىغان تۆت مۇز داۋاندىن كېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئارىلىقىدىكى مۇساپىنى ئەسلىدىكى 1000 كىلومېتىردىن يېرىمغا يېقىن قىسقارتقان بولۇپ، جۇڭگو تاشيول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى بىر ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى