تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى

    ئۈرۈمچىدىكى بىر تاللا بازىرىدا مېۋە-چېۋە بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ جياڭيەن خەۋىرى، فوتوسى) جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ بازىرىدا تەمىنلەش يېتەرلىك، تاۋارلارنىڭ تۈرلىرى مول بولدى. 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، مۇخبىر ياخشى يۇرت تاللا بازىرىنىڭ ياشلار يولىدىكى دۇكىنىدا، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنىڭ يېڭى، باھاسىنىڭ ئەرزان ئىكەنلىكىنى، ئۈزۈم، نەشپۈت، جۈزە قاتارلىق ئون نەچچە خىل مېۋىنىڭ يەككە باھاسىنىڭ 10 يۈەن ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆردى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۈزە يېڭى، پارقىراق بولۇپ، ھەر كىلوگرامى 5.99 يۈەن ئىكەن. «بايرامدا گۆشنى كۆپرەك يەيمىز، تاماقتىن كېيىن جۈزە يېسە ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق.» دېدى جۈزە سېتىۋېلىۋاتقان خېرىدار جىن شيۇيىڭ.

  شۇ كۈنى، جىن شيۇيىڭ جۈزە، ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋىلەردىن يەتتە كىلوگىرامدىن ئارتۇق سېتىۋالدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا، ھەر كۈنى 150 خىلدىن ئارتۇق 3100 توننا ئەتراپىدا كۆكتات، 50 خىلدىن ئارتۇق 2100 توننا ئەتراپىدا مېۋە- چېۋە توپ سېتىلىدىكەن. «ھازىر شىنجاڭنىڭ يەرلىك كۆكتاتلىرىنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىش مەزگىلى، يەرلىك كۆكتاتلار %75نى ئىگىلەيدۇ، ئەنەنچۈ، نەنشەن، فۇكاڭ، خوشۇت قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كۆكتاتلار ناھايىتى ئەرزان.» دېدى شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ.

  

    ھازىر شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرىنىڭ كۆپلەپ بازارغا سېلىنىش مەزگىلى، بۇ يىل مېۋىلەرنىڭ باھاسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئەرزان. جۇڭچيۇ بايرىمىدىن بۇرۇن، ئۈزۈم، خولۇڭگو قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ بازىرى ياخشى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى، شەھەر بويىچە مەھەللە كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلگەن 60 خىل كۆكتاتتىن 29 خىل كۆكتاتنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 3 يۈەندىن تۆۋەن بولغان. «ھازىر كۆكتات خېلى ئەرزان، بۈگۈن چەيزىنىڭ ھەر كىلوگىرامى ئاران 2 يۈەن ئىكەن، مەن ئازراق چەيزە سېتىۋېلىپ دۈملەپ پىشۇرۇلغان سوغۇق سەي قىلايمىكىن دەيمەن.» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسى كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىدا كۆكتات سېتىۋالغان خېرىدار چېن خۇيجۈن.

  

  ئۈرۈمچىدىكى بىر تاللا بازىرىدا كۆكتات بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولدى.

  جۇڭچيۇ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بازارلاردا تەمىنلەش يېتەرلىك، تاۋارلارنىڭ تۈرى مول بولدى، «يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، بازاردا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن توپ كىرگۈزۈلگەن بېلىق، دەريا قۇلۇلىسى، قىسقۇچپاقا قاتارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى سېتىلدى. مەن بۈگۈن ئالتە قىسقۇچپاقا، ئىككى كىلوگىرام راك، يەنە بىر تال گۆھەر بېلىق سېتىۋېلىپ جۇڭچيۇ بايرىمىغا تەييارلىق قىلدىم.» دېدى ئىستېمالچى ليۇ خەيپېڭ . قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىدا نۆۋەتتە ئادەتتىكى مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلاردىن سىرت ئالىي سورتلۇق مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلار بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان، « ھازىر، تاللا بازىرىدا تۈرلۈك مېۋىلەر لىق تىزىلغاندىن سىرت، ئىشك ئالدىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىمۇ خىلمۇخىل كۆكتاتلارنى سېتىۋالالايمىز.» دېدى قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ شىنرۇڭ. بايراملىق بازار گۆش ئىستېمالىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، 9- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى زاپاس گۆش تارقاتتى، شەھەر بويىچە 98 نۇقتا تەسىس قىلىنىپ، يەتتە خىل سورتتىكى گۆش تارقىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى