تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

يەكەندە بادام پىشتى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇساتتار كۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى، پراكتىكانت پاڭ مىڭجۈەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شى جىخۇي فوتوسى، خەۋىرى): ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، شاخلاردىكى دانە-دانە باداملار مېغىزلىرى يوغىناپ يېرىلدى، ئالتۇن رەڭ مېغىزلار باشلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاستا چىقىرىپ، دۇنياغا ھەۋەس بىلەن نەزەر سالماقتا ئىدى. يەكەن ناھىيەسى مىشا بازىرى كىسىمچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئابدۇساتتار كۆزى ئۆتكۈر، ئايىغى چاققان بولۇپ، بىردەمدىلا سېۋىتىنى بادامغا لىق تولدۇردى، ئۇ كۈلدى، كۈلگەندە ئۇنىڭ ئاغزى دەرەختە يېرىلىپ تۇرغان بادامغا ئوخشاپ قالدى.

  مول ھوسۇل پەسلىدە، يەكەن ناھىيەسىدىكى 920 مىڭ مو باداملىق ئالدىراشلىققا تولدى. باغۋەنلەر ھەر بىر تال بادامنى ئاۋايلاپ ئۈزەتتى، بۇ، بۇ يىل ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى باداملار ئىدى. بۇ يىل 7-ئايدا، يەكەن ناھىيەسى دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى كارخانا ۋە ياپونىيەدىكى بىر كارخانا بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ يىل تەخمىنەن 100 توننا بادام ياپونىيەگە ئېكسپورت قىلىنىپ، راھەت يېمەكلىك قىلىپ پىششىقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  باغۋەن ئابدۇساتتار شوتىغا يامىشىپ دەرەخكە چىقتى، «كەنت بىزدىن ئەڭ ياخشىسى قولىمىزدا ئۈزۈشنى، بىرسى يېرىلسا بىرنى ئۈزۈشنى، يېرىلمىغىنىنى ئۈزمەسلىكنى، بادامنىڭ سورتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى» دېدى ئۇ.

  باداملارنىڭ ئېكسپورت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل يەكەن ناھىيەسدىكى ئالاقىدار تارماقلار بادام دەرەخلىرىنى ئوغۇتلاش، پەرۋىش قىلىشتىن ئۈزۈش، ئاپتاپقا سېلىش، قۇرۇتۇشقىچە ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم قوللاندى، يەنە تېخنىكلارنى باغۋەنلەرنى باشلاپ چاتاش، دورا چېچىش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش، پەرۋىش قىلىپ ئاسراشقا تەشكىللىدى. كارخانىلارنىڭ سېتىۋېلىشى، پىششىقلاپ ئىشلىشى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ، قەتئىي تۈردە ئېكسپورت قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىپ، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مېغىزنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەكشى بولۇشىغا، سۈپىتى ئۆزگەرگەن ياكى كېسەل تەگكەن مېغىزنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، ئابدۇساتتار ئائىلىسى ئۆستۈرگەن باداملارنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى ئىلگىرىكى 70 كىلوگىرامغا يەتمەسلىكتىن بۇ يىلقى 90 نەچچە كىلوگىرامغا يەتتى، يەنە كېلىپ مېغىزلىرى تېخىمۇ تولدى. ئىلگىرىكى يىللاردا ئۇنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىش كۆرۈلمىدى.

  مەھسۇلات مىقدارى ۋە سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئابدۇساتتارنىڭ كىرىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. نەچچە كۈن بۇرۇن، ئابدۇساتتار بىر تۈركۈم باداملارنى ساتتى، بادام كۆركەم، پاكىز بولغاچقا، ئويلىمىغان يەردىن كارخانا ھەر كىلوگىرامىنى 40 نەچچە يۈەندىن سېتىۋالدى، بۇ بۇلتۇرقىدىن خېلىلا قىممەت ئىدى. ئابدۇساتتارنىڭ ھېساباتى بويىچە، ئۇنىڭ ئون مو بادىمىدىن مۇشۇ باھا بويىچە ھېسابلىغاندا بۇ يىل ئاز دېگەندىمۇ 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ.

  بۇ يىل، يەكەن ناھىيەسىنىڭ بادام مەھسۇلات مىقدارى 72 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. «بىز تۇنجى تۈركۈمدىكى مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلساق، ئاندىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بادامنىڭ ئىزچىل ئېكىسپورت قىلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلالايمىز.» يەكەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جۈنيەن شۇنداق دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى