تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مايتاغ چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدا يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى تۈرىدىن نەچچىسى ئېچىۋېتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئايشەمگۈل ئابلا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىنقى مەزگىللەردە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى خەتەرلىك، غىدىقلايدىغان يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، يۈرەكلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. يېقىندا، مايتاغ چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدا ئەينەك كۆۋرۈك، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى ۋېلسىپىتى، يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى ئىلەڭگۈچى قاتارلىق تۈرلەر رەسمىي سىرتقا ئېچىۋېتىلىپ، خەتەرلىك دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈرۈلدى.

   سۈرەت ۋە فىلىمنى مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدىكى مايتاغ-كۇچا چوڭ ئەينەك كۆۋرۈكىگە ھالقىسىمان ئاۋاز ئۈنۈم ئېففىكتى قوللىنىلغان بولۇپ، ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 186 مېتىر، كەڭلىكى ئۈچ مېتىر، كۆۋرۈك يۈزىدىن جىلغا تېگىگىچە بولغان چۈشۈش پەرقى 120 مېتىر كېلىدىكەن، ئەينەك كۆۋرۈكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا نېلۇپەر شەكىللىك مەنزىرە تاماشا سۇپىسى بار بولۇپ، چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىنى تاماشا قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئورۇن ھېسابلىنىدىكەن.

  مايتاغ چوڭ جىلغىسىدىكى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا ۋېلسىپىت مىنىش تۈرىمۇ ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئىككى ئادەم 150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات سىمدا ۋېلىسىپىت مىنەلەيدۇ.

   مايتاغ چوڭ جىلغا ساياھەت تۈرىنىڭ مەسئۇلى، قاراماي شەھىرى يىجىڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى شى ۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «قەەدەممۇقەدەم كىشىنى چۆچۈتۈش» بۇ مەنزىرە رايونى كىرگۈزگەن بىر تۈرلۈك يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى غىدىقلاش تۈرى بولۇپ، ساياھەتچىلەر ھېس قىلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن بىخەتەرلىك ئارغامچىسىنى باغلىشى كېرەك ئىكەن.

  «يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى ئىلەڭگۈچ»ىنىڭ ئېگىزلىكى 5 مېتىر، 10 مېتىر، 15 مېتىر، 20 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، جىلغىنىڭ چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، يىراقتىن كونترول قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئەڭ ئېگىز جايغا كۆتۈرۈلگەندە، ئېغىرلىقنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن، شۇنداقلا كىشىگە ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچقاندەك تەسىر بېرىپ، بوشلۇقتا چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولىدىكەن. مۇخبىرنىڭ مايتاغ چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 7- ئايدىن ھازىرغىچە، بۇ مەنزىرە رايونى جەمئىي 90 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغان.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى