تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باغراش ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو ھاراق ئېچىتىش ئۈزۈمى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى

 تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز خۇ چېڭشۆ، خۇ ياڭ خەۋىرى) 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇخبىر شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ 10 مىڭ مو يەردىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئۈزۈم شاخلىرىنىڭ شامالدا ئىرغاڭلاپ تۇرغانلىقىنى، ساپاق-ساپاق مەرۋايىتتەك ئۈزۈملەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقانلىقىنى، 120دىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئۈزۈم ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرنىڭ يېشىكلەرگە قاچىلىنىپ، سېتىۋېلىش نۇقتىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، باغراش ناھىيەسى ئۈزۈم باشقۇرۇشتا «ئىدىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېخنىكىنى قوشۇمچە قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، «بىر تۇتاش باشقۇرۇش، بىر تۇتاش ھوسۇل ئېلىش، بىر تۇتاش سېتىپ چىقىرىش، بىر تۇتاش پىششىقلاپ ئىشلەش، بىر تۇتاش ئوراپ قاچىلاش» تەك «بەشتە بىر تۇتاش بولۇش» ئىشلەپچىقىرىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈمنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۈزۈمنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان.

 8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، باغراش ناھىيەسىدىكى 10 مىڭ مو ئۈزۈم بازىسى مەھسۇلاتنى ئۆلچەش، قەنت مىقدارىنى ئۆلچەش، كىسلاتانى ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قول سېلىپ ئىشلەشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ئۈزۈم ئۈزۈشتىن ئىلگىرىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىۋېلىش جەريانىدا، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەردىن ھاراق زاۋۇتىنىڭ سۈپەت بەلگىلىمىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئاساستا، تۈركۈمگە، دەرىجىگە ئايرىپ ئۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، يىغىۋالغاندا سۈپەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھاراق زاۋۇتىنىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلارنى جىڭلاپ سېتىش تەلەپ قىلىندى. كادىرلار رايون تەۋەلىكىگە بۆلۈنۈپ مېۋىلىك باغلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، بىر تۇتاش ئۈزۈپ، بىر تۇتاش سېتىپ، ئۈزۈش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىشنى ئەلا سۈپەتلىك خام ئەشيا بىلەن تەمىنلەپ، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل باغراش ناھىيەسى ھارىق ئېچىتىش ئۈزۈمىنى ئۈزۈش خىزمىتىنى 8- ئاينىڭ 26- كۈنى باشلانغان بولۇپ، 9- ئاينىڭ 20- كۈنى ئوموميۈزلۈك تاماملاشنى پىلانلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى