تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇڭ جاۋمىڭ فوتوسى، خەۋىرى): يۈزىدە ئالاچىپار سىزىقچىلىرى بار، بوينى قىزىل، بۇ زادى سۇ قۇشلىرى جەمەتىنىڭ قايسى ئەزاسى؟ يېقىندا، شىنجاڭلىق قۇش ھەۋەسكارى تۇڭ جاۋمىڭ غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى ئىلى دەرياسىدا ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل سۇ قۇشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى، كېيىن شىنجاڭ قۇش تاماشا جەمئىيىتى بۇ سۇ قۇشىنىڭ دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان قىزىل بويۇنلۇق پىتى قۇشىنىڭ باچكىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا جەمئىي بەش خىل پىتى قۇشى بار بولۇپ، ئۇلار: سۇمۇرۇغ باشلىق پىتى قۇشى، قارا بويۇن پىتى قۇشى، كىچىك پىتى قۇشى، مۈڭگۈزلۈك پىتى قۇشى ۋە قىزىل بويۇنلۇق پىتى قۇشى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سۇغا شۇڭغۇشقا ماھىر، ئەمما مېڭىش ۋە ئۇچۇشقا ماھىر ئەمەس ئىكەن، پىتى قۇشى چۈجىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلىقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك بېلىق، قاسراقلىق ھايۋانلار، سۇ ھاشارەتلىرى، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى قاتارلىقلارنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
پىتى قۇشلىرىنىڭ «ئۆي»ى سۇ قۇشلىرى جەمەتىدە بىر قەدەر ئۆزگىچە بولۇپ، كۆپىيىش مەزگىلىدە، ئۇلار ئۇۋىسىنى قومۇش، يېكەن قاتارلىق سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ئارىسىغا سېلىپ، قومۇش يوپۇرمىقى ياكى يېكەن يوپۇرمىقى بىلەن ئۇۋىسى ۋە ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈكلەرنى بىر-بىرىگە چىڭ باغلاپ، ئۇۋىسىنىڭ سۇ دولقۇنىغا ئەگىشىپ تەۋرىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن، ئەگەر خەتەر يۈز بەرسە، ئۇلار دەرھال سۇ ئوتلىرى بىلەن ئۇۋىسىنى يېپىپ، يېقىن ئەتراپقا مۆكۈنۈپ كۆزىتىپ، خەتەر يوقالغاندىلا ئاندىن ئۇۋىسىغا قايتىپ كېلىدىكەن.