خەلق تورى، جېڭجوۋ، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (ياڭ چياۋدۇڭ): 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى. شۇ كۈندىكى مۇسابىقىدە، ئۈچ گۇرۇپپا، 59 مىللىي خاسلىققا ئىگە نومۇر بىر-بىرلەپ ئورۇنلىنىپ، يارقىن نۇقتىلار بەس-بەستە مەيدانغا كېلىپ، كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ماھىرلار مىللىيچە كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادىتى بىلەن سەنئەت نومۇرلىرىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيەت سېھرىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە 194 ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە جېڭجوۋ قۇرۇلۇش تېخنىكا شۆيۈەنىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىگە يەنە تۇنجى قېتىم «ئەلئارا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە» تاللاش پىرىنسىپى قوشۇلغان بولۇپ، تارقاق، ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، شەكلى ھەرخىل، مەزمۇنى مول بولغان مىللىي ئەلئارا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيەسىنى تولۇق نامايەن قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن سۇپا بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىنغان. (شۈ خۇڭشىڭ فوتوسى)