تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

«قىممىتى بار بولۇش»تىن «بازار قىممىتى بار بولۇش»قىچە

شىنجاڭنىڭ سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىدا سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: «2017- يىلى شىنجاڭ سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا باشلىغاندىن كېيىن، سۇنىڭ بازار قىممىتى تەدرىجىي گەۋدىلەندى. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا <دۆلەت سۇچىلىق قۇرۇلۇشى سۇ تەمىنلەش باھاسى + ئاخىرقى ئۆستەڭ سىستېمىسىنى ئاسراش ھەققى>نىڭ تېرمىنال سۇ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىدۇ» دېدى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى لى گېڭشېڭ مۇخبىرغا.

شىنجاڭ قۇرغاق، سۇ كەمچىل، ئېكولوگىيەسى ئاجىز، سۇ بايلىقىنىڭ ۋاقىت، بوشلۇق بويىچە تارقىلىشى تەكشىسىز رايون، بايلىق خاراكتېرلىك، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك، ئەمما خېلى ئۇزاق مەزگىل ئىچىدە، سۇ باھاسى سۇ بايلىقىنىڭ قىسلىق دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بازار ئارقىلىق تەڭشەشنى بىرلەشتۈرۈش؛ سۇ ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، نورمىلىق باشقۇرۇش؛ ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇش؛ پائال، پۇختا بولۇش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتىن ئىبارەت بەش چوڭ پىرىنسىپ بويىچە، سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، سۇنى «قىممىتى بار بولۇش»تىن «بازار قىممىتى بار بولۇش»قا ئۆزگەرتتى.

يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىدىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى»غا ئايلاندى. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدىكى ۋەكىللىك رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى 2015- يىلىدىن باشلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىشتىكى دەسلەپكى سۇ ھوقۇقىنى تەقسىملەپ تىزىملىدى. ھازىر پۈتۈن ئوبلاستتا 143 مىڭ 100 پارچە دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى كىنىشكىسى تارقىتىلغان بولۇپ، تارقىتىلىش نىسبىتى %100كە يەتتى، تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن ئومۇمىي سۇ مىقدارى 1 مىليارد 618 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى.

دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمىي مىقدارنى تىزگىنلەش، نورمىلىق باشقۇرۇش ئاساسىدا، سانجى ئوبلاستى سۇ ھوقۇقى سودا سۇپىسىدىن 38نى قۇردى ھەم دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى تېجەپ قېلىنغان سۇ سودىسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى. نۆۋەتتە سانجى ئوبلاستىدا دېھقانلار ئائىلىسى بىلەن دېھقانلار ئائىلىسى، كەنتلەر بىلەن كەنتلەر، سۇغىرىش رايونلىرى بىلەن سۇغىرىش رايونلىرى ئارىسىدا سودىلىشىش دائىملىققا ئايلاندى.

سانجى شەھىرى ئەرليۇگۇڭ بازىرى گۇاڭمىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جۇڭ لەنجى 80 مو يەرگە ئۈزۈم تېلى تىككەن. «ئىلگىرى ھەر مو يەرنى باسۇرۇپ سۇغىرىشقا 400 كۇب مېتىردىن ئارتۇق سۇ كېتەتتى، مەن نورمىلىق سۇنىڭ يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەيتتىم.» جۇڭ لەنجى مۇنداق دېدى: «كېيىن تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەسى ئورنىتىپ، ھەر مو يەرگە 300 كۇب مېتىر سۇ كېتىدىغان بولدى، ئىشلىتىپ بولالمىغان سۇنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىدىغان بولدۇم، تېجەلگەن سۇ قىممەت سېتىلىدۇ، نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن سۇنىمۇ قىممەت سېتىۋالىمىز، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئامالنىڭ بارىچە سۇ تېجەيدىغان بولدى».

2018- يىلى، سانجى ئوبلاستى ھەر دەرىجىلىك سۇ ھوقۇقى سودا سۇپىلىرى ئارقىلىق سۇ باھاسىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئون ھەسسىسىگىچە بولغان قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش باھاسىنى ئىجرا قىلىپ، دېھقانلار دەسلەپكى سۇ ھوقۇقى نورمىسى ئىچىدە تېجەپ قالغان سۇنى سودىلاشتى، جەمئىي سودىلاشقان سۇ مىقدارى 29 مىليون 900 مىڭ كۇب مېتىر، سوممىسى 33 مىليون 972 مىڭ يۈەن بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىدا تېرمىنال سۇ باھاسى تۈزۈمىنى ئورناتتى ھەم كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاخىرقى ئۆستەڭ سىستېمىسىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى بېكىتىشنى دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىپ، دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تۇتقا قىلىپ، ئاخىرقى ئۆستەڭ سىستېمىسىنى ئاسراش ھەققى ئالدى. يېقىنقى بەش يىلدا، سانجى ئوبلاستىدىكى دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى 60 مىليون 860 مىڭ يۈەن ئاخىرقى ئۆستەڭ سىستېمىسىنى ئاسراش ھەققى ئېلىپ، ئاخىرقى ئۆستەڭدىن 869 كىلومېتىر، كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ، توما قاتارلىقلاردىن 2850نى رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتتى، 5236 كىلومېتىر ئۆستەڭ يولىنى تازىلىدى.

«ئىلگىرى ئېتىزلىقلاردا ئېرىق ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىدىغان ئادەم بار، باشقۇرىدىغان ئادەم يوق ئىدى،» گۇاڭمىڭ كەنتى دېھقانلار سۇ ئىشلىتىش ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كوپىراتىپ باشلىقى ما چۈنشيەن مۇنداق دېدى: «ھازىر ئاخىرقى ئۆستەڭ سىستېمىسىنىمۇ باشقۇرىدىغانلار، ئاسرايدىغانلار بار بولدى، <ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر> مەسىلىسى ھەل بولدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى