تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايون باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى

باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايون باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش نەق مەيدان ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، بۇلتۇر قىش، بۇ يىل ئەتىيازدىن بۇيان ھەرقايسى جايلارنىڭ قىشتىكى ئارساللىقنى قىشتىكى ئالدىراشلىققا ئايلاندۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىكى تەجرىبە، چارىلىرىنى خۇلاسىلەپ ئومۇملاشتۇردى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، چوڭقۇر، ئۇزاق. 2018- يىلىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مېۋە ھوسۇلى، سۈپىتى، سېتىلىش باھاسىدىكى «ئۈچ ئېشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىسى، ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇش، مەغرۇرلانماسلىق، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ئىرادىسىنى ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ - كۆزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، باغ - ئورمانچىلىقنى يېشىللاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش، خاسلاشتۇرۇش، سۈپەتلىك ماركىغا ئايلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، باغ - ئورمان پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەلالىشىپ دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى، ماس تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەتىيازدا ئىلگىرى سۈرۈش، يازدا پەرۋىش قىلىش، كۈزدە تىزگىنلەش، قىشتا ئاسراشتىن ئىبارەت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مېۋىلىك دەرەخ بىلەن ئاشلىق، مېۋىلىك دەرەخ بىلەن كېۋەزنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا ئۆلچىمىنى يولغا قويۇپ، مېۋىلىك باغنى تازىلاش، شالاڭلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەھەللىۋى ئوغۇت، ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، ئورگانىك تاشلاندۇق بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنى دۆۋىلەپ ئېچىتىپ ئېتىزغا قايتۇرۇپ، قىچىنى ئاغدۇرۇپ ئېتىزغا قايتۇرۇپ، يەرنى كۈچلەندۈرۈپ، باغ - ئورماننىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىھاتە ئورمان تورى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باغ - ئورمان بازىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزىلاردىكى ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى ۋە «بىر ئائىلىدە بىر زېرەك ئادەم بولۇش» بويىچە تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، باغ - ئورمان تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باغ - ئورمان كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون تۇرۇشقا ئەۋەتكەن باغ - ئورمان پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى ئۆمىكىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، باغ - ئورمان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تىرەك بولۇش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تىجارىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، كۆپ مەنبەلىك يېڭىچە كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، باغ - ئورمان كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مېۋە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سۈپەتلىك ماركا يېتىشتۈرۈش ۋە بازار ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باغ - ئورمان بازىرى ماركېتىڭ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەبلەغ سېلىنمىسى ۋە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىپ، باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك، پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى