تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 64- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 12- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 64- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، مۇشۇ ئاينىڭ 18- كۈنى دائىمىي كومىتېتنىڭ 12- يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12- يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ھەم ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12- يىغىنىدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گىيو ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش نىزامى (لايىھەسى)» قاراپ چىقىلىدۇ، «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد تېخنىكا - تەرەققىيات رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» «قاراماي شەھىرىنىڭ نېفىت سانائىتى مىراسلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» «قومۇل شەھىرىنىڭ ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى» تەكشۈرۈلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2018- يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2018- يىللىق مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان قېزىلما بايلىقلارنى قوغداش بويىچە تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2019- يىللىق تىيانشان مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىلىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى