تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە قارىتا نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى.

9- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن كېيىن، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يىغىنى ئاچتى. نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى بىن نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە پىكرىنى قايتما ئىنكاس قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

لى بىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپتۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپتۇ؛ نىشان، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىۋېتىپتۇ، نامرات ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپتۇ؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، نەقلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپتۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئېرىشىپتۇ؛ دىققەتنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا كۆزلىمە نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىپتۇ.

لى بىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى قەدەمدە، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ مەسىلىنى تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ساقلانغان يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، دىققەتنى مەسىلىنى تۈزىتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش؛ دىققەتنى ئېغىر نامراتلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا كۈچەپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ قىيىن ئۆتكەلنىڭ ئەڭ قىيىنىنى يېڭىش؛ دىققەتنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نازارەتچىلىك - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلە ۋە پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپ، قەتئىي تۈزىتىپ، «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي، كەسكىن، كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋەزىپىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، بارلىق قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەربىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىنىڭ پۇختا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسىنىڭ چىن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ تۈزىتىشنى تۇتۇپ، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئارقىلىق مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، نەتىجىلەرنى يىراق كەلگۈسى جەھەتتە مۇستەھكەملەش كېرەك. نازارەتچىلىك - تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نازارەتچىلىك - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى