تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 7- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىپ، «دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېغىر نامرات ناھىيە - شەھەرلەرنىڭ نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش»نى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش قانات يايدۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا، لەي جىڭگاڭ قاتارلىق 12 يولداش سۆز قىلدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى لەي جىڭگاڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شيې شۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەرلىك كارخانىلار ۋە يېزىلاردىكى قابىللارغا پائال يار - يۆلەك بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت «مىڭ كارخانا مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» خىزمىتىگە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بۇخەلچەم ئىمىنئېلى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى قۇراشتۇرۇش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىرادە جەھەتتە يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتە يۆلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سىجىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك؛ ئەزا جۇ گاڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىكى تىجارىتى سۇبيېكتلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى يۆلەپ، باغچە رايون قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئەزا ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: «يېقىن»، «پاك» يېڭىچە ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش توغرىسىدىكى تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جىن شەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇن كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل قانۇن يۈرگۈزۈش، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىل مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جياڭ پىڭئەن جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى پۇ شۆمېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: پۇقراۋى كارخانىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا قاتنىشىش غەيرىتى، قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئۈنۈملۈك ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك؛ گاۋ جيەنجۈن سىياسىي كېڭەش قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: بانكا بىلەن كارخانىنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە قاتنىشىش سۇپىسى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جارقىنبېك خۇدايىگېن مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللايدىغان خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك؛ لۇ ۋېيلۇڭ تۇمشۇق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشكە ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: تۈرلۈك سىياسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تولۇق پايدىلىنىپ، جانلىق پايدىلىنىپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا كېلىپ سۆزنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ بو كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىشلار ۋە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى، مۇئاۋىن رەئىس ياڭ يۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن كۇڭ شىڭلۇڭ، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى