تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمەن

لوپ ناھىيەسى شەھەر رايونى كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئىمىنتوختى ئەخمەت

بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىللىق ئىللىق غەمخورلۇق، 70 يىللىق ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يۇرتۇمدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرگە قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم ھەم گۇۋاھ بولدۇم.

پارتىيەنىڭ تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىلىپ، لوپنىڭ شەھەر رايونىدىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلدى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرى ئۆزگەرتىپ سېلىندى، كېڭەيتىلدى، نۇرغۇن بىنا قەد كۆتۈردى، چوڭ - كىچىك كوچا - مەھەللىلەرنىڭ ھەممىسى قاتتىقلاشتۇرۇلدى ھەم فوتوۋولتلۇق يول چىرىغى ئورنىتىلدى، ئاھالىلەر مەدەنىيەت مەيدانى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەت مەركىزى ۋە ئۈستى ئوچۇق، چىراغلىق ۋاسكېتبول مەيدانى ياسالدى... لوپتا بىز داۋاملىق مۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى ئۇچرىتالايمىز: كىشىلەر چىرايلىق، مودا كىيىنىپ مەيداندىكى فونتان ئەتراپىدا سەيلە قىلىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ ياكى ۋاسكېتبول ئوينايدۇ، يۈگۈرىدۇ ۋە ياكى بىر ئائىلە كىشىلىرى باغچىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدۇ، بالىلار خۇشال - خۇرام ئوينايدۇ، تىجارەتچىلەرنىڭ خېرىدار چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، شەھەر رايونى كېچىدىكى نېئون چىراغلارنىڭ يورۇقىدا تولىمۇ ئىللىق، ئىناق كۆرۈنىدۇ.

خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى بىراقلا ئۆستى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پارتىيەگە كىرىشكە ئىلتىماس قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ئاھالىلەرنىڭ كۈلكىسىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتە ئۈلگىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتەك مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈللىنىشىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.

پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تارىخىي بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق جايدا باشتىن - ئاخىر پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش ئالىيجاناب ھېسسىياتىغا ۋارىسلىق قىلىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى كۆپ قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىمەن.

لوپ شەھەر رايونىدىكى كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگىنىمدە تولىمۇ ھاياجانلىنىمەن. مەن ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى