تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدىن 629نى قېزىپ رەتلەپ چىقتى

11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدىن 629نى قېزىپ رەتلەپ چىقتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جېڭ يىيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 9- ئاينىڭ 10- كۈنى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى جىڭجوۋ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى، خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئەھۋالى ۋە مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى)نىڭ مۇدىرى (ئىدارە باشلىقى) مەخمۇت ئوسمان تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرىدىن جەمئىي 629نى قېزىپ رەتلەپ چىقتى.

بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، شىبە، تاجىك، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس، داغۇر، تاتار قاتارلىق 13 مىللەتتىكى تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، كوماندا يېتەكچىلىرى، خىزمەتچى خادىملار ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇپ ئويۇن كۆرسەتكۈچى خادىملار قاتارلىق 260 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مىللىيچە چەۋەندازلىق، مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسى، مىللىيچە چامباشچىلىق، مىللىيچە چېلىشىش، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ قاتارلىق ئالتە مۇسابىقە تۈرى، دارۋازلىق، سارغايدى، ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىش، قىزقۇۋار، مەررە توپ قاتارلىق بەش ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇسابىقە تۈرلىرىدىن مىللىيچە چېلىشىش، بۇقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، ئىلەڭگۈچ، ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرىدىن دارۋازلىق، سارغايدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەۋزەل تۈرلىرى. 9- ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلەڭگۈچ تۈرىدە ئۈچ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچۈن ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى.

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۈرئەت قاسىم مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىلىرى بىلەن بىللە مەشىق قىلىش، مۇسابىقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە ئەڭ ياخشى ماھارەت كۆرسىتىش ھالىتى بىلەن مۇسابىقىگە ئاتلىنىپ، مۇسابىقە نەتىجىسى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىكتە قوش ھوسۇل ئېلىشقا تىرىشىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ».

ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى مول، رەڭدار بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئىلگىرى ئون نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان، ئاپتونوم رايون ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ناھىيە، يېزىلارمۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال مەزگىلىدە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى